ئارزىگۈل تۇرسۇننىڭ دادىسى تۇرسۇنجان ھەسەن قولغا ئېلىنغان
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.10.29
2009.10.29

RFA Photo
تۇرسۇنجان ھەسەن بۇلتۇر قىزى ئارزىگۈل تۇرسۇننىڭ ھامىلىسىنى پلانلىق تۇغۇت ئوپىراتسىيەسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە قارشى مەيداندا تۇرغان ۋە ساقچىلار بىلەن بىر قانچە قېتىم تىركەشكەن ئىدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ۋەقەگە ئارىلىشىشى بىلەن تۇرسۇنجان ھەسەن شۇ قېتىمقى كۈرىشىدە غەلىبە قىلغان. يەنى قىزى ئارزىگۈل تۇرسۇننىڭ ئوپىراتسىيەسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، نەۋرىسى ساق - سالامەت دۇنياغا كۆز ئاچقان ئىدى.
ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى تۇرسۇنجان ھەسەنگە ئۆچمەنلىك نەزىرىدە قاراشقا ۋە ئۇنى نازارەت قىلىشقا باشلىغان. ئالدى بىلەن ساقچى تارماقلىرى ئۇنى ئىزچىل ھالدا سوراق قىلىپ، ئارزىگۈل تۇرسۇن مەسىلىسىنى چەتئەلگە ئاشكارىلىغان كىشىنى تېپىپ بېرىشكە قىستىغان، يەنە بىر تەرەپتىن، يېزىلىق ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئۇنىڭغا ئۆچ ئېلىش شەكلىدە مۇئامىلە قىلىپ، نورمال دېھقانچىلىق پائالىيەتلىرىنى دەخلىگە ئۇچراتقان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ يەر - مۆلۈك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۈز قىلىشقا باشلىغان.
بۇ يىل يازدا، دادامتۇ يېزىسىنىڭ ئارادادامتۇ كەنتىدە يەر ماجىراسى يۈز بېرىپ، ئارادادامتۇ ئاياللىرى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە كوللىكتىپ قارشىلىق كۆرسەتكەندە، دائىرىلەر، تۇرسۇنجان ھەسەننى مەزكۇر ۋەقەنى قۇتراتتى دەپ گۇمان قىلغان.
ئىگىلىشىمىزچە، تۇرسۇنجان ھەسەن قولغا ئېلىنىشتىن ئاۋۋال ئائىلىسىگە، ئۇنىڭ دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن گۇمانلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش بېرىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ نۆۋەتتە يېڭىھايات تۈرمىسىدە قاماقتا، ئۇ، 11 - ئاي ئىچىدە ئېچىلىدىغان سوت ھۆكۈمىنى كۈتمەكتە.
تۇرسۇنجان ھەسەننىڭ كونكرېت نىمە ۋەقە سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە نۆۋەتتە ھۆكۈمەت تارماقلىرىمۇ، ئائىلە - تاۋاباتىمۇ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.