ئارزۇگۈل تۇرسۇن يەڭگىدى، ئوغلىنىڭ ئىسمى ئۈمىد

ئارزۇگۈل تۇرسۇن يەكشەنبە كۈنى چۈشتە دادامتۇدىكى يېزىلىق دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن. دۇنياغا كۆز ئېچىشتىن ئاۋۋال 3 قېتىم ئۆلۈم تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن بوۋاق، سائەت 12 دىن 40 مىنۇت ئوتكەندە دۇنياغا كۆز ئاچقان. ئارزۇگۈل تۇرسۇن ئائىلىسى، كۆپ جەڭگى - جىدەللەر بىلەن دۇنياغا كەلگەن بۇ پەرزەنتىگە "ئۈمىد" دەپ ئىسىم قويغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.02.13
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Uyghur-ayalliri-bowaq-305.jpg 2008 - ﻳﯩﻠﻰ 31 - ﺋﯩﻴﯘﻟﺪﺍ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﯞﺍﻕ.
AFP Photo

ئارزۇگۈل تۇرسۇننىڭ دادىسى تۇرسۇنجان ھەسەن بىزگە، بۇ خەۋەرنى مۇنداق يەتكۈزدى: ئارزۇگۈل تۇرسۇن ھامىلەسنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھامىلە ئۈچ ئايلىق ۋاقتىدا بىر قېتىم مەھەللىدىن غايىپ بولغان. يېزا كادىرلىرى ئائىلىسىدىكىلەرگە بېسىم ئىشلەتكەندىن كېيىن ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەن. يېزا كادىرلىرى ئۇنى 11 ‏ - نويابىر كۈنى سۇ دەرۋازا دوختۇرخانىسىغا مەجبۇرىي ئېلىپ بارغان . بۇ چاغ ھامىلىەنىڭ 6 ئاي 15 كۈنلۇك ۋاقتى بولۇپ، ھامىلە ئوپىراتسىيە قىلىنماقچى بولغان.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتى ئارقىلىق ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنى ئىنسانىي ياردەمگە چاقىرغان. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسى ئەزالىرىدىن كىرس سمىت ئەپەندى خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە ئۇلارنى ئوپىراتسىيىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان.

بۇ ئارىلىقتا، ئارزۇگۈل دوختۇرخانىدىن قاچقان. بۇنىڭ بىلەن غۇلجا شەھەرلىك ساقچى خادىملىرى 22 سائەت تەكشۈرۈش ۋە ئۆي ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئارزۇگۈلنى پاناھلانغان يېرىدىن تېپىۋالغان.

ساقچىلار ئۇنى ئۇ قېتىم ئىلى ئوبلاستلىق ئانا - بالىلار دوختۇرخانىسىغا قامىغان. دوختۇرخانا 18 ‏ - نويابىر كۈنى ئەتىگەندە ئۇنى ئوپىراتسىيە قىلماقچى بولغان. ئارزىگۇلنىڭ دادىسى ئوپىراتسىيە توختامىغا مەجبۇرىي قول قويدۇرۇلغان.

بۇ ۋەزىيەت رادىئودا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، رابىيە قادىر خانىم خەلقئارا جامائەتنى يەنە بىر قېتىم ھەرىكەتكە چاقىرغان ۋە ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن بۇ ھەقتە يۈز تۇرانە كۆرۈشكەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسى ئەزالىرىدىن كرىس سمىت ۋە جوي پىتىس ئەپەندىلەر بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايغا تەكرار نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسىگە تېلېفون قىلىپ، باش ئەلچىنى ۋەقەگە قول سېلىشقا چاقىرغان. باش ئەلچى ئەتىسى ئەتىگەندە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نەتىجىدە، خىتاي ئارزۇگۈل تۇرسۇننى ئوپىراتسىيە قىلىش قارارىدىن ۋاز كەچكەن ۋە دوختۇرخانىدىن قويۇۋەتكەن.
 
ئارزىگۇل تۇرسۇن بۈگۈن ئەتىگەن دوختۇرخانا رەسمىيەتلىرىنى تاماملاپ، دادامتۇ يېزىسىنىڭ بۇلاق مەھەللىسىدىكى ئائىلىسىگە قايتقان.

نۆۋەتتە ئارزۇگۈل تۇرسۇن ۋە ئوغلى ئۈمىدنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ نورمال ئىكەنلىكى مەلۇم، ئەمما، ئارزۇگۈل ئائىلىسىنىڭ تۇغۇت جەريانىدا دوختۇرخانا ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى تەرىپىدىن قانداق مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. چۈنكى تۇغۇتتىن بىر قانچە كۈن ئاۋۋال، ئارزۇگۈل ۋە يولدىشىنىڭ تېلېفونى ساقچىلار تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.