دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيار: كوممۇنىستلارنىڭ قۇرئانى كەرىمىگە بەرگەن ئىزاھاتلىرىنى ئېتىبارغا ئېلىشقا بولمايدۇ

جا چىڭلىن بېيجىڭدا ئېچىلغان ئىسلام ئەقىدىلىرىگە ئىزاھات بېرىش يىغىنىدا، ئىسلامشۇناسلىق ئاڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە زەربە بېرىش لازىم، دەپ يوليورۇق بەرگەن.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.04.28
jia_qinglin_305.jpg خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش باشلىقى جا چىڭلىن. 2011-يىلى 4-ئاپرېل.
AFP

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش باشلىقى جا چىڭلىن 25‏-26-ئاپرېل كۈنلىرى، بېيجىڭدىكى چوڭ سارايدا ئېچىلغان ئىسلام ئەقىدىلىرىگە ئىزاھات بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئىسلامشۇناسلىق ئاڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە زەربە بېرىش لازىم دەپ يوليورۇق بەرگەن. بۇ ھەقتە تۈركىيىنىڭ مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھەدىس ئىلمىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان، ھازىر ئىسلام تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاتاۋۇللا شاھيارنى زىيارەت قىلدۇق.

دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيار ئالدى بىلەن قۇرئانى كەرىمىنىڭ قانداق كىتاب ئىكەنلىكى، 15 ئەسىردىن بۇيان قۇرئانى كەرىمىگە بىۋاسىتە قارشى تۇرىدىغان بەزى ھەرىكەتلەر بولغانلىقىنى، ئەمما ئۇ غەلىبە قىلالمىغاندىن كېيىن، تاكتىكا ئۆزگەرتىپ، قۇرئانى كەرىمىگە خاتا ئىزاھات بېرىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى قايمۇقتۇرىدىغان ۋەقەلەر يۈز بېرىشكە باشلىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

تۈركىيىدە ھەدىس ئىلمىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان، ھازىر ئىستانبۇلدا ئىسلام تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاتاۋۇللا شاھيارنىڭ قارىشىچە، ئىسلامغا ئىشەنمەيدىغان بىر كوممۇنىست خىتاينىڭ ھازىر قۇرئانغا ئۆز خاھىشى بويىچە ئىزاھات بەرمەكچى بولغانلىقى، بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى بەزى ئېزىپ كەتكەن ياكى ئۆز يولىدا ماڭالمايۋاتقان دىنىي زاتلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ، قۇرئانى كەرىمىنىڭ ئەخلاقىي قىسمىنى، يەنى تاجاۋۇزچىلارغا قارشى قانداق بىر پوزىتسىيىدە تۇرۇش لازىملىقى ھەققىدىكى قىسمىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

تۈركىيىدە ھەدىس ئىلمىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان، ھازىر ئىستانبۇلدا ئىسلام تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاتاۋۇللا شاھيار قۇرئانى كەرىمىدىكى، ئاللاھ ھېچقاچان مۇسۇلمانلارنىڭ زەرەرىگە، بەلكى كاپىرلارنىڭ پايدىسىغا بىر يول كۆرسەتمىگەن، دېگەن ئايەتنى ئەسلەپ ئۆتتى ۋە ھازىر كوممۇنىستلارنىڭ قۇرئانى كەرىمىگە بەرگەن ئىزاھاتلىرىنى ئېتىبارغا ئېلىشقا بولمايدۇ دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.