ئۇيغۇرلار ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئىزچىل ئۇچرىماقتا (2)
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.06.11
2010.06.11
www.youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
بۈگۈن ئۇيغۇر رايوندا ئېلىپ بېرىلغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. مۇتەخەسسىس ئەنۋەر توختى ئەپەندى رايوندىكى ئاتوم سىناقلىرى ھەم بۇ سىناقلارنىڭ رايوننىڭ مۇھىتىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ھەققىدە توختالدى.
كۆپلىگەن ماتېرىياللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى 1964 - يىلى 10 - ئايدىن، 1996 - يىلى 7 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا جەمئىي 46 قېتىم ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئەمما مۇتەخەسسىس ۋ. ن. مىكخائىلوۋنىڭ "دۇنيادىكى ئاتوم سىناقلىرى كاتالوگى"دا خىتاي ھۆكۈمىتى جەمئىي 47 قېتىم ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا ئېلىپ بارغان، ئاتوم سىناقلىرىدىن كېيىن، رايوندا ھەر خىل يامان خاراكتېرلىك ئۆسمە كېسەللىرى كۆپەيگەندىن باشقا، رايوننىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلىقىنىڭمۇ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ھازىر ئەنگلىيىدە ئۇيغۇرلاردىكى تۈرلۈك راك كېسەللىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتوم سىنىقىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىس دوختۇر ئەنۋەر توختى، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاق قان كېسىلى ھەم ھەر خىل ئۆسمە كېسەللىرىگە بۇ قەدەر كۆپ گىرىپتار بولۇشىنىڭ سەۋەبى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا كۆپ قېتىم ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ تەسىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. بۈگۈن ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئاتوم سىناقلىرى تەسىرىدىن ئۇيغۇر ئېلى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ئېغىر بۇزۇلغانلىقى ھەم تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ سۆزىدە، 1973 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى لوپنۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق ئاتوم سىنىقىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە 3 كۈنگىچە توپىلىق ھاۋا رايى ھادىسىسىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى، ھەتتا ئەينى چاغدا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ قېتىملىق ئاتوم بومبىسى سىنىقىنىڭ ياپونىيىگىچە تەسىر قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق خېتى تاپشۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەنۋەر ئەپەندى يەنە رايوندا ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، رايوندىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى ۋە رايوندىكى ھايۋاناتلاردا نورمالسىزلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ 1998 - يىلى، ئەنگلىيىدىكى ئاتوم تەتقىقاتچىلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق رايوندىكى ئۆسۈملۈكلەردىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، رايوندىكى ئاتوم رادىئاتسىيە مىقدارىنىڭ 1945 - يىلى ياپونىيىنىڭ خىروشىما ئارىلىدا پارتلىغان ئاتوم بومبىسىنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەنۋەر ئەپەندى يەنە، رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنە شۇنداق ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان مۇھىت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇ رايون ئاھالىسىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىدا ھەرخىل يامان خاراكتېرلىك ئۆسمە كېسەللىرى ۋە قان بۇزۇلۇش كېسەللىكلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپىيىش ئېھتىمالىنىڭ زورلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇتەخەسسىسلەر، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ كۈندىن - كۈنگە يامانلىشىشى، داۋالاش ئىمكانىيىتى بولماي ئۆلۈپ كېتىۋاتقان يامان خاراكتېرلىك ئۆسمە كېسەللىرى، ئەمەلىيەتتە رايوندىكى ئاتوم رادىئاتسىيىسى نىسبىتىنىڭ باشقا جايلاردىن نەچچە ھەسسە يوقىرىلىقىدىن بولغانلىقى ۋە رايوندىكى ئاتوم رادىئاتسىيىسى تەسىرىنىڭ يەنە ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.