ئايشەن غوپۇر: بالامنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار

بۇلتۇر 5 - ئايدا ئاقسۇ شەھەرلىك ئايكۆل يېزا 15 - كەنت 3 - ئەترەت ساي مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئايشەم غوپۇرنىڭ 17 ياشلىق ئوغلى ھاكىمجان مەمەت، دېھقانچىلىق ئۈچۈن لازىمەتلىك ئالغىلى كېتىۋېتىپ موتسىكلىت بىلەن ئالدىدىكى ئۇچ چاقلىق موتسىكلىتقا ئۇرۇلۇپ كەتكەن. ئۇ شۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسىدە ئېغىر يارىلانغان، لېكىن قاتناش ۋەقەسىدە خاتالىق ئۆزىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ھېچقانداق تۆلەم بېرىلمىگەن.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رۇقىيە
2013.02.02

 

ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن جىددىي قۇتقۇزۇۋېلىنغان بولسىمۇ ئەمما دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن يارىسى ئېغىرلاپ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان. ھاكىمجان مەمەت دېھقانچىلىق مەزگىلىدە ئوغۇت ئالغىلى كېتىۋېتىپ يارىلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېزىلاردىكى دېھقانلاردىن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى توپلاش ئۈچۈن تارقاتقان داۋالاش كىنىشكىسىغا ئاساسەن ئىش ئۈستىدە يارىلانغانلارنىڭ داۋالاش ھەققىنىڭ مەلۇم پىرسەنتىنى سۇغۇرتىدىن كۆتۈرۈش بەلگىلەنگەن. ئەمما دوختۇرخانا ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۇنى ئىش ئۈستىدە يارىلاندى دېگەن ئىسپاتى بولمىغاچقا تاشقى كېسەلنىڭ چىقىمىنى سۇغۇرتىدىن كۆتۈرمەيدۇ دەپ داۋالاشنى رەت قىلغان. بىز ھاكىمجاننىڭ ئانىسى ئايشەم ھەدە ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەت سېكرېتارى بىلەن بۇ توغرىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.