مەمەت توختى: «بايلىق كۈچ دېمەكتۇر»

2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاچقان «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا ئالغان ئەڭ چوڭ قارارىنىڭ بىرى، خىتاي ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنى ھەر ساھەسىدە ئېچىشقا قاتناشتۇرۇش بولدى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىق ۋە ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىش ئەڭ تېز داۋام قىلماقتا. خىتاي دائىرىلىرى بۇنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسنى يارىتىش ئىستراتېگىيىسى سۈپىتىدە داۋاملاشتۇرماقتا. ھەتتا كان ھوقۇقىنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىق مەنبەلىرىنى خىتاي شىركەت ھەم گۇرۇھلىرىغا تەقسىم قىلماقتا. بايلىق مەنبەلىرىنىڭ كىمئارتۇق قىلىنىشى خىتاي ئېيتقاندەك ئادىل، ئاشكارا ۋە باراۋەر بازارمۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي ۋە ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى ئېچىشنى بۇ قەدەر تېز ھەم جىددىي ئېلىپ بېرىشىدا نېمە سىر بار؟ بۇ يەنە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

uyghur-bayliqi-nur-bakri-385.jpg
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بايلىقلار ھەققىدە پىكىر قىلماقتا. 2012-يىلى 31-يانۋار، ئۈرۈمچى. (www.xjgtzy.gov.cn)

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مەزكۇر مەسىلىلەرگە قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزىلىرىنى مۇخبىرىمىز تەييارلىغان سۆھبەت پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.