بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ 18 - قۇرۇلتاي ھارپىسىدىكى ئىنتېرنېت كونتروللۇقى ئىنكاس قوزغىدى
2012.07.27
خىتايدا 18 - قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش ھارپىسىدا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ، ئىنتېرنېتكە بولغان قامالنى كۈچەيتىپ، « ئۆسەك سۆز تارقاتقانلارغا زەربە بېرىش» نامىدا، پۈتۈن كۈچى بىلەن خەلق ئارىسىدىكى نارازىلىق پىكىرلىرىنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى، خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ بىرنەچچە كۈندىن بۇيانقى دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.
خوڭكۇڭ مىنباۋ گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بو جېڭخۇا 24 - ئىيۇل كۈنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارغا ئېچىلغان يىغىندا سۆز قىلىپ، 18 - قۇرۇلتاي مەزگىلىدە، ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئۈستىدىن ئۆسەك سۆز تارقاتقۇچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 21 - ئىيۇل بېيجىڭدا يۈز بەرگەن يامغۇر ئاپىتىدىن كېيىن بېيجىڭ شەھەر باشلىقى ئاپەتتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان سۆزىدىمۇ، بېيجىڭ شەھىرىدە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، ئامما ئارىسىدىكى ئۆسەك سۆزلەرنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاپ، 18 - قۇرۇلتاي مەزگىلىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئىجتىمائى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر نەچچە كۈندىن بۇيان بېيجىڭدا ھەرقايسى تورخانىلاردا ئىنتېرنېت ساقچىلىرى ئىلگىرىكى كۈنلەردىكىدىن ھەسسىلەپ كۆپەيتىلگەن. بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى 239 ئورۇندا تور بېكەتلىرىنى نازارەت قىلىش پونكىتى قۇرغان. 26 - ئىيۇل كۈنىگە قەدەر ئىنتېرنېتتە سەزگۈر ئۇچۇر يوللىغان 5007 كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. سەزگۈر ئۇچۇرلارنى يوللانغانلىقى سەۋەبلىك ئىدارە - جەمئىيەت ھەم شىركەتلەرگە قاراشلىق 7549 تور بېكىتىگە جەرىمانە قويۇلۇپ، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلغان. ئۇندىن باشقا خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىن بەيدۇ، شىنلاڭ قاتارلىق تور بېكەتلىرىمۇ تور بېتىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يۇقىرىقى ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەسىس قىلغان ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تور ئابۇنتلىرىنىڭ ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلغان يوللانمىلىرىنىڭ ئاقىۋىتىگە شەخسنىڭ ئۆزى مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئۇقتۇرغان.
بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدىكى ئىنتېرنېت كونتروللۇقى ھەققىدە توختالدى.
خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىدە، يېقىندىن بۇيان خىتايدا بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت قامالىنى بارغانچە كۈچەيتىپ، پۇقرالىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇش قىلمىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ خىتايدا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان 18 - قۇرۇلتاي مەزگىلىدە مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنى باھانە قىلىپ، خىتاي قانۇنىدا ئۆزى بەلگىلىگەن «جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەم دۆلەت كادىرلىرىنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ، ئۇلارغا پىكىر بېرىش، خىزمىتىدىكى سەۋەنلىكلەرنى تەنقىدلەش ھوقۇقىغا ئىگە» دېگەن قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
بۈگۈن 27 - ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ توم لانتىس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىمۇ پۈتكۈل يەر شارىدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا خىتاي، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇچۇر كونتروللۇقى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇ دۆلەتلەردە پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى بوغۇلۇۋاتقانلىقى ئەيىبلەندى.