'قەشقەر تائاملىرى رېستورانى'دا پارتلاش يۈز بەردى
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.09.25
2009.09.25
AFP Photo
ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە، پارتلاش ئىنتايىن شىددەتلىك بولغان بولۇپ، ئاشخانا پۈتۈن تۈزلىنىپ كەتكەن، ئەتراپتىكى باشقا دۇكان ۋە ئاشخانىلارنىڭ دېرىزىلىرىمۇ چېقىلىپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەربىگە ئۇچرىغان.
ئەمما، بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باياناتچىسى ۋەقەدە ئاشخانىدا ئىشلەۋاتقان 3 كىشى ۋە ئاشخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يارىلانغانلىقى، يارىدارلارنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە ھېچبىرىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەنلىكىنى بايان قىلغان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، نەق مەيدانغا ساقچىلار يېتىپ كېلىپ، ۋەقە يۈز بەرگەن رايونى دەرھال قامال قىلغان. ساقچىلار تەكشۈرۈشتىن كېيىن، پارتلاش يۈزبەرگەن خارابىلىكتىكى بارلىق نەرسىلەرنى توشۇپ كەتكەن. ئۇزاق ئۆتمەي، تازىلىقچى خادىملار كېلىپ پارتلاشتىن قالغان قالدۇقلارنى تازىلىغان.
بىز ۋەقە يۈز بەرگەن ئاشخانىغا يېقىن جايدا بېيجىڭ جىشۇيتەن دوختۇرخانىسىنىڭ بارلىقىنى ۋە يارىدارلارنىڭ بۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن، پارتلاش ۋەقەسى ھەم يارىدارلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بۇ دوختۇرخانىغا تېلېفون قىلدۇق.
تېلېفوننى ئالغان مەسئۇل خادىم، ئۆزىنىڭ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى، بىزگە بۇ ھەقتە ھېچ نەرسە دەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى، بىزنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەردىن سورىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتىپ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
ئۇ مەسئۇل خادىم يەنە، "مەن پەقەت يارىدارلار بۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىندىمۇ شۇنى بىلىپ باقماقچى؟" دەپ سورىغىنىمدىمۇ، ئۇ بۇنىڭغىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى تەكرارلىدى. بىز بۇنىڭدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەگە دائىر بارلىق ئۇچۇرلارنى ۋە ھەتتا يارىدارلارنىڭ ئەھۋالىنىمۇ قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۇق.
خىتاي ساقچى دائىرىلىرى پارتلاش ۋەقەسىنىڭ ئاشخانىدىكى بىر يېقىلغۇ گاز تۇڭىنىڭ پارتلاپ كېتىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بىر گاز تۇڭىنىڭ بۇنچىلىك كۈچلۈك پارتلاش پەيدا قىلالمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ھەرگىزمۇ بىر ئاددىي گاز تۇڭى پارتلاش ۋەقەسى ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا، بۇ ئاشخانا خوجايىنىنىڭ بىر ھەپتە بۇرۇن بىر ئۇچۇم خىتاي ياشلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى، ئاشخانا خوجايىنىنىڭ بۇ ئەھۋالنى بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرىگە خەۋەر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.