بو شىلەي دېلوسىغا يەنە بىر سىياسىي بيۇرو دائىمىي ئەزاسى چېتىلىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى

بو شىلەي دېلوسىغا يەنە بىر سىياسىي بيۇرو دائىمىي ئەزاسى چېتىلىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى. بۇ، خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ھوقۇق ئۇرۇشىنى داۋاملىق جىددىيلەشتۈرمەكتە.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012.04.30
bo-shiley-beyjing-2003-305.jpg بۆ شىلەينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىگە ئۆلكە باشلىقى ۋاقتىدا بېيجىڭدىكى قۇرۇلتايغا قاتناشقان كۆرۈنۈشى. 2003-يىلى 6-دېكابىر، بېيجىڭ.
Imaginechina

«بوشۈن» تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، بو شىلەي دېلوسىغا ھازىر يەنە بىر سىياسىي بيۇرو دائىمىي ئەزاسى چېتىلىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بو شىلەي دېلوسىغا چېتىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان داليەن شەھىرىدىكى «جېڭيۇەن» ئۆي قۇرۇلۇشى ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ باش پايچىكى فۇ يەنبىن، ئۆزىنىڭ «جېڭيۇەن» ئۆي قۇرۇلۇشى ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ يەر-زېمىن تىجارىتىگە خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى لى چاڭچۈن يول ئېچىپ بەرگەن دەپ ئىقرار قىلغان.

بو شىلەي داليەن شەھىرىنىڭ باشلىقى بولۇپ تۇرۇۋاتقاندا، خوڭكوڭدا چىقىدىغان «ۋېنخۇي» گېزىتىنىڭ داليەندە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بولغان جياڭ ۋېيپىڭنىڭ ئىسپاتلىشىچە، «جېڭيۇەن» ئۆي قۇرۇلۇشى ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ يەرنى ئەرزان ئېلىپ قىممەت سېتىپ تېز بېيىشى ئۈچۈن، خىتاي مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى لى چاڭچۈن 10 يىلغىچە بىۋاسىتە يول ئېچىپ بېرىپ تۇرغان.

كانادادا چىقىدىغان «ۋەتەن خەۋەرلىرى» تور گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىر خىتايدا يۈز مىليون يۈەنلىك باي ھېسابلىنىدىغان فۇ يەنبىن، ئالدى بىلەن بو شىلەي ئائىلىسى بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مەكتەپداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئىزھار قىلىش ئارقىلىق تونۇشۇۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ، «جېڭيۇەن» ئۆي قۇرۇلۇشى ھەسسىدارلىق شىركىتىنى قۇرغان. ئەينى ۋاقىتتىكى داليەن شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى چاڭجى -مەركىزى كومىتېتتا ئىدېئولوگىيىگە مەسئۇل ئەڭ چوڭ ئەمەلدارى لى چاڭچۈننىڭ ئاكىسى، بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش پايچىكى بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ شىركەت بو شىلەي ئائىلىسىدىن ئىبارەت «چوڭ دەرەخ» نىڭ ھىمايىسى ئاستىدا تىجارەت قىلىشقا باشلىغان.

ئەينى ۋاقىتتا داليەندە چىقىدىغان «يېڭىچە تىجارەت» گېزىتى بۇ شىركەتنى سودا، ئىلىم ۋە كۇڭزىچىلىقنى تەڭ يولغا قويىدىغان پەن-ئىلىم شىركىتى دەپ ماختاپ كۆككە كۆتۈرگەن. بۇ شىركەت بىر مىليون بەش يۈز مىڭ كۋادرات مېتىرلىق تۇرالغۇ، سودا ۋە ھەرخىل كەسىپنى بىر گەۋدە قىلغان ۋە تۆت مىليون يۈەنلىك مائارىپ فوندىسى بار زامانىۋى مەھەللە قۇرۇشنى پىلانلىغاندا، سىياسىي بيۇرو دائىمىي ئەزاسى لى چاڭچۈن، بۇ شىركەتكە 10 يىلغىچە يەرنى ئەرزان سېتىپ بېرىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. نەتىجىدە بۇ شىركەت يەرنى ئەرزان ئېلىپ قىممەت سېتىپ، ناھايىتى تېز بېيىپ، بو شىلەي ئائىلىسىنىڭ «پۇل خالتىسى»غا ئايلانغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىدا نامى تىلغا ئېلىنغان لى چاڭچۈن، دەل «بوشۈن» تور گېزىتى 2010-يىلى 10-ئايدا بايان قىلىپ ئۆتكەندەك، سىچۈەندە «قىزىل ناخشا ئېيتىش، قارا گۇرۇھلارغا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى قوزغىغان بو شىلەينى، خىتايدا يېڭى تەرەققىيات مودېلى ئىجاد قىلدى دەپ ماختاپ، مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا تەۋسىيە قىلغان جۇ يۇڭكاڭ، ۋۇ باڭگودىن باشقا، خىتاي مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ يەنە بىر دائىمىي ئەزاسى ئىدى. ھازىر لى چاڭچۈننىڭ بو شىلەي دېلوسىغا ئاللىقاچان چېتىلغانلىقى تېخىمۇ ئېنىق بولدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇچۇر شىركەتلىرىنىڭ ئورتاق ژۇرنىلى بولغان «فوربېس» ژۇرنىلىدا، دۇنياۋى ئىقتىسادى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پائۇل رودېرىك گرىگورى ئەپەندى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، ھازىر خىتاينى ئۆزگەرتىۋاتقان تۆت چوڭ ۋەقەنىڭ بىرى - بو شىلەي دېلوسى ۋە بۇ دېلونىڭ تەپسىلاتى ھازىر بارغانسېرى ئېنىق بولۇۋاتقانلىقى دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

پائۇل رودېرىك گرىگورى ئەپەندى بۇ ئوبزوردا، بۇلتۇر 12-ئايدا خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ۋۇكەن مەھەللىسىدە، يەرلىك خەلق كوممۇنىست پارتىيىنىڭ چىرىكلەشكەن خىيانەتچى ئەمەلدارلىرىنى قوغلاپ چىقارغان، خىتاي ساقچىلىرى ئالدىدا مەغلۇپ بولمىغان ئاممىۋى ھەرىكەتنىڭ ئۈلگىلىك رولىنىمۇ؛ بۇ يىل 2-ئايدا دۇنيا بانكىسى بىلەن خىتاي دۆلەت كابىنېتى بىرلىكتە تەييارلىغان تەتقىقات دوكلاتىدا، ئەگەر خىتاي بۇنىڭدىن كېيىن يەككە ئىگىلىكنى قويۇۋېتىش ئارقىلىق ئىقتىسادى جەھەتتە داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەشنى داۋاملاشتۇرمىسا، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھاكىمىيىتى ئورنىنى ساقلاپ قالالمايدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىلمىي مەسلىھەتنىمۇ؛ خىتايدا مۇشۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن ئەما ئادۋوكات چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسىنىمۇ، خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ھوقۇق ئۇرۇشى پارتلاشقا سەۋەبچى بولغان بو شىلەي ۋەقەسىگە ئوخشاش خىتاينى ئۆزگەرتىۋاتقان ۋەقەلەر دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.