بومباي ۋەقەسى ئىككى ئاتوم دۆلىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرمەكتە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.12.02
2008.12.02

AFP Photo
ئۇ ھىندىستان ساقچىلىرىغا ئۆزىنىڭ 'لەشكىرى تائىپە' دېگەن ھەربى گۇرۇپ تەرىپىدىن پاكىستاندا 6 ئاي ھەربىي تەلىم كۆرگەن كىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇ پاكىستاندىكى ھەربىي تەلىمدە يېقىن مۇساپىدىن ھۇجۇم قىلىش، كىشىلەرنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش، پارتلاتقۇچىلارنى بىرتەرەپ قىلىش، سۈنئى ھەمرا ئارقىلىق يۆنىلىش بەلگىلەش، دېڭىزلاردا ھاياتلىقنى ساقلاپ قېلىش قاتارلىق تېخنىكىلىق مەشقنى تاماملىغانلىقىنى ئىقرار قىلغان.
'لەشكىرى تائىپە' دېگەن تەشكىلات 2002 - يىلى تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە ئېلىنغان
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بومبايدىن بايان قىلىشىچە، 'لەشكىرى تائىپە' دېگەن تەشكىلات 2002 - يىلى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە تەرىپىدىن تېررورچى تەشكىلات تىزىملىكىگە ئېلىنغاندىن كېيىن، پاكىستان بېسىم ئاستىدا قېلىپ، بۇ تەشكىلاتنى چەكلەش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.ئەمما يېقىنقى كۈنلەردە بۇ تېررورچى تەشكىلاتتىن ھەربىي تەلىم ئالغان ئاجمال قاساپ ئۆزىنىڭ ئىقرارىدا، ئۇلار بۇ قېتىم ھىندىستاننىڭ ئىككى كىچىك كېمىسىنى بۇلاپ، كېمىچىلەردىن 3 نى ئۆلتۈرۈپ، قالغانلىرىنى بومبايغا ئاپىرىپ قويۇشقا قىستىغانلىقى، يېشى 18 دىن 28 گىچە بولغان بۇ تېررورچىلار ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئوخشىمىغان يۆنىلىشتىن بومبايغا كىرگەنلىكى، قوراللىرىنى بولسا ئىجارىگە ئالغان تاكسىلارغا يوشۇرۇپ قويۇپ، ئۆزلىرى تاج مەھەل قاتارلىق ئەڭ ئالى مېھمانخانىلارغا ئورۇنلىشىپ پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانلىقى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي بايان قىلغان.
خىتاي، رۇسىيىلەرمۇ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشتا ھىندىستان بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يېڭى دېھلى ۋە ئىسلامئابادتىكى يازغۇچىلىرىدىن ئاشوك شارما، راۋى نېسمانلارنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، بومبايدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمدا ئۆلگەن 19 چەتئەللىكنىڭ ئامېرىكىلىق، گېرمانىيىلىك، كانادالىق، ئىسرائىلىيىلىك، ئەنگلىيىلىك، ئىتالىيىلىك، مېكسىكىلىق، ياپونىيىلىك، تايلاندلىق ئاۋستىرالىيىلىك، سىنگاپورلۇق ۋە خىتايلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ليۇجەنچاۋ مۇشۇ دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئىنكاس قايتۇرۇپ 'جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېررورچىلىققا بىللە زەربە بېرىدۇ' دەپ جاكارلىدى ۋە بومباي ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشتە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن بومبايدا تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ ئۇرۇغ - تۇغقانلىرى ھازا تۇتىدىغان ھەرىكەتلەر تېخىمۇ ئەۋج ئالدى. بۈگۈن يەنە، ھىندىستاننىڭ ئاسام شىتاتىدىكى دىپۇ پويىز ئىستانسىسىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 2 ئادەم ئۆلگەن 30 نەچچە ئادەم يارىلاندى.
بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، كرېمىلنىڭ باياناتچىسىمۇ، تېررورچىلىققا زەربە بېرىشتە ھىندىستان بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنداقلا رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېفنىڭ بۇ مەقسەت ئۈچۈن ھىندىستاننى زىيارەت قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، رۇسىيىنىڭ بومبايدىكى ئالى مېھمانخانىلاردا تۇرىۋاتقان ھەربىي قورال سودىگەرلىرى تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىمىغان ئىكەن.
ھىندىستان ھۆكۈمىتى پاكىستانغا 20 نەچچە نەپەر تېررورچى گۇماندارىنىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇردى
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسلامئابادنى ئۆز دۆلىتىدىكى تېررورچىلارغا ئۈنۈملۈك زەربە بەرمىدى، ۋەھشىيلەرگە يول قويدى، دەپ ئەيىبلىدى، شۇنداقلا يەنە، پاكىستاننىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا بۇ قېتىم بومبايدا يۈز بەرگەن ۋەقە پاكىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسىتىپ نارازىلىق خېتى تاپشۇردى.ئۇنىڭغا ھازىر پاكىستان تېررىتورىيىسىدە تۇرۇۋاتقان 20 نەچچە نەپەر تېررورچىنىڭ تىزىملىكىنى بېرىپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنى تۇتۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ھىندىستان ھۆكۈمىتى پاكىستانغا تاپشۇرغان تېررورچىلار تىزىملىكىدە، 1993 - يىلى بومبايدا پارتلىتىش ۋەقەسى پەيدا قىلىپ 250 ئادەمنىڭ ھاياتىغا زامىن بولغان تېررورچىلىق جىنايەت گۇماندارى داۋۇت ئىبراھىم قاتارلىقلار بار.
پاكىستان ھۆكۈمىتى ھىندىستاننىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم بومبايدا يۈز بەرگەن ۋەقە بىلەن پاكىستاننىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى رەت قىلدى. ھىندىستاننىڭ بۈگۈن پاكىستان باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ كېلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنىمۇ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىش ھەققىدە دوستانە سۆھبەتلەشتى' دەپ ئۆزگەرتىپ ئېلان قىلدى.جەنۇبىي ئاسىيادىكى بۇ ئىككى ئاتوم دۆلىتىنىڭ ھازىر ئۆز - ئارا قوللانغان سۆز ئىبارىلىرى بارغانسىرى يىرىكلەشمەكتە. ھىندىستان تەرەپ 'بومباي ۋەقەسى ئۈچۈن پاكىستانغا ئېنىق ئىنكاس قايتۇرىمىز' دەپ جاكارلىسا، پاكىستان ئۇنىڭغا قارىتا ' بۇ قېتىم بومبايدا يۈز بەرگەن ۋەقەگە پاكىستاننىڭ چېتىلىدىغانلىقىنى دەلىللەيدىغان ئېنىق ئىسپات كۆرسىتىلىشى كېرەك'، 'ھىندىستان تېررورچىلار قۇرغان تۇزاققا چۈشۈپ قالماسلىقى كېرەك' دەپ جاكارلىدى.