يازغۇچى ئېرىك تامنىڭ: 'بۇلۇتلاردىن ھالقىغان تۇلپار' ناملىق كىتابى تونۇشتۇرۇلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ
2010.10.08
2010.10.08
RFA Photo / Gulshen
تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى تورونتودىكى مەلۇم بىر كۈتۈپخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمغا تورونتودا ياشايدىغان يۈزگە يېقىن ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەردىن بولغان دوستلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
يازغۇچى ئېرىك تام بۇ كىتابىنى خىتاي ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان بىرقانچە يىللىق تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلىرىغا ئاساسەن يېزىپ چىققان بولۇپ، كىتابتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى ئەھۋالى شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ جايدا يۇرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش ۋە دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ قەدىمىنىڭ تېزلىشىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى شۇنداقلا خىتاينىڭ دۇنيادا يېڭى بىر مۇستەملىكىچىلىك ئۆرنىكى يارىتىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن مۇھاكىمە قىلغان.
خىتاي ئۇيغۇر دىيارىنى ئەسكىرى كۈچ بىلەن كونترول قىلىش سۈرئىتىنى بۇندىن 100 يىل بۇرۇن ئېكىسپىدىتسىيەچى ماندېرھام بارغان دەۋرگە سېلىشتۇرغاندا ئون نەچچە ھەسسە ئاشۇرغان
ئاپتور ئېرىك، ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە ئۆزى يازغان بۇلۇتلاردىن ھالقىغان تۇلپار ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇپ، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكىلىۋاتقان ئەسكەر سانىنىڭ بۇندىن 100 يىل بۇرۇن ئېكىسپىدىتسىيەچى ماندېرھام بارغان ۋاقتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا نەچچە 10 ھەسسە كۆپەيگەنلىكىنى،خىتاي نوپۇسىنىڭ ئومۇمى نوپۇسنىڭ 45 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى، قەشقەر شەھىرىنىڭ چېقىلىپ ئۇنىڭ ئورنىغا خىتايچە تۈس ئالغان شەھەرلەرنىڭ كۆپلەپ بىنا قىلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ناۋادا سىلەر ئۆز يۇرتۇڭلارغا بارساڭلار، ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر تۇپراققا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ بىر شەھىرىگە بېرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىسىلەر دېدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر ۋەتىنىنى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ قاپلاپ كەتكەنلىكىگە ئائىت پاكىتلارنى ئېكران ئارقىلىق كۆرسەتتى.خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان شەھەر تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئىستراتېگىيىسى، ماڭا ناپاليوننىڭ پارىژنى ئىشغال قىلىشىنى ئەسلىتىپ قويدى
ئاپتور ئېرىك بۇ كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىدا،خىتاي نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۇقتىلىق چوڭ شەھەرلەرنىڭ شەھەر تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئۆزىگە ناپاليوننىڭ ئەينى چاغدا پارىژنى ئىشغال قىلغاندا قوللانغان تاكتىكىسىنى ئەسلەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇ ناپاليوننىڭ پارىژنى ئىشغال قىلىشقا قولاي بولۇشى، ناۋادا بىر ئىش چىقىپ قالسا ئەسكەرلەرنىڭ پارىژغا باستۇرۇپ كىرىشىگە قولاي بولۇشى ئۈچۈن يوللارنى ئىنتايىن كەڭ ياسىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان شەھەر تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ نىقابىنى يىرتىپ تاشلىغان. ئۇ يەنە بۇ تاكتىكىنى فرانسىيە،ئالجىرىيەنى ۋە تۇنسنى بېسىۋالغاندا قوللانغان بولۇپ، ناۋادا خەلق قوزغىلىپ قالسا، بۇ ئۇسۇل بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ تېزلىكتە شەھەرنى قورشىشىغا قولايلىق تۇغۇلىدۇ دېگەن.بىڭتۈەن، خىتايدىكى دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەتتىن ئىبارەت
مۇراسىمدا يازغۇچى ئېرىك ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۈەننىڭ ئۆز ئالدىغا بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ،بىڭتۈەن خىتاي ياراتقان دۇنيادىكى ئۆزگىچە بىر مۇستەملىكىچىلىك ئۆرنىكى دېدى.ئۇ يەنە بۇ ھەقتە ئۆزى توپلىغان بىڭتۈەنگە ئائىت ماتېرىيال ۋە خەرىتىلەرنى كۆرسىتىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۈەننىڭ خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى 2 - بىر دۈلەت ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كۆپلەپ كۆچمەن يۆتكىشى، بۇ جايدا خرىستىيان دىنىنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بەرگەن
يازغۇچى ئېرىكنىڭ بىلدۈرۈشىچە،ئىچكىرى ئۆلكىلەردە خرىستىيان دىنىغا كىرگەن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچمەن بولۇپ كېلىشى، ئۇيغۇر دىيارىدا خرىستىيان دىنىنىڭ تارقىلىشى ۋە چېركاۋلارنىڭ كۆپلەپ سېلىنىشىنى پەيدا قىلغان. ھازىر ئۈرۈمچى، قۇمۇل، كۇچار، ئاقسۇ ۋە غۇلجىلاردا چېركاۋلار بار بولۇپ، غۇلجىدىكى چركاۋنى ئەينى چاغدا رۇسلار سالدۇرغان ئىكەن. ئېرىكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايلار قەشقەردىمۇ چېركاۋ سېلىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت مۇقىملۇققا تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەپ رۇخسەت قىلمىغان.ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتايلارغا بولغان ئۆچمەنلىك،خىتاينىڭ ھەرقانداق مۇستەملىكە ئۆلكىسىگە قارىغاندا كۈچلۈك
يازغۇچى ئېرىك مۇراسىمدا '5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى' نىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە ئۆزى توپلىغان رەسىم ۋە باشقا ماتېرىياللار شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىگە ئاساسەن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىكنىڭ خىتاينىڭ ھەرقانداق بىر مۇستەملىكە ئۆلكىسىگە سېلىشتۇرغاندا كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.شۇ كۈنكى مۇراسىمغا قاتناشقان كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم، يازغۇچى ئېرىك يازغان 'بۇلۇتلاردىن ھالقىغان تۇلپار' ناملىق بۇ كىتابقا يۇقىرى باھا بېرىپ،كىتابنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇر ئوقۇشقا ۋە ئۆز ئۆيىدە ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك قىممەتلىك ماتېرىيال ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.