چەكلىك مەنبەدىن مول ھوسۇل بېرىۋاتقان تەكلىماكان نەشرىياتى
2011.09.29
ئۇيغۇر ئېلىدە بارلىق نەشرىيات ۋە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدا، نۇر بەكرى ئېيتقاندەك ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى بولسا خىتاي كومپارتىيىسى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتا مۇھىم سىياسەت ۋە قارار بەلگىلىشىنى مۇھىم ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ بىۋاسىتە نازارىتىدە، مەزكۇر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن يېزىپ چىقىلغان «شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخى» غا ئوخشاش، پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت تارىخىي ئىلمىي پاكىتلار پۈتۈنلەي بۇرمىلىنىپ يېزىلغان بىر قىسىم ماتېرىياللار ئۇيغۇر ئېلىدىن باشقا ھەتتا چەتئەللەرگىچە تارقالماقتا.
بۇنىڭغا قارشى چەتئەللەردە چەكلىك شارائىت ۋە چەكلىك مەنبەگە قارىماي، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي تارىخى ۋە مەدەنىي، سىياسىي ھاياتىنى ھەقىقىي تۈردە دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن خىتايغا جەڭ ئېلان قىلىپ خالىسانە خىزمەت قىلىۋاتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرمۇ بار. بولۇپمۇ ئىستانبۇلدىكى چەكلىك مەنبەدىن مول ھوسۇل بېرىۋاتقان «تەكلىماكان» ئۇيغۇر نەشرىياتىنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ نەشرىيات باشلىقى جېلىل تۇران ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.