مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىن باشلاپ ھەرقايسى جايلاردىن بېيجىڭغا توپلانغان ئەرزدارلار نامايىش قىلىپ جۇ يۇڭكاڭ قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن شەخسى مۈلكىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان.
20 - دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بېيجىڭغا يىغىلغان ئەرزدارلار، ئايرىم - ئايرىم ھالدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ جەنۇبىي پويىز ۋوگزالى، خىتاي دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى قاتارلىق جايلار ئالدىدا قوللىرىدا، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن شەخسى مۈلكىنى ئاممىغا ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان خەتلەر يېزىلغان تاختىلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان.
خىتاينىڭ بوشۈن تورىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەرزدارلارنىڭ نامايىش قىلىشى، ھەتتا بىر يەرگە توپلىنىشىنىمۇ ئۈزلۈكسىز توسۇپ كېلىۋاتقان بېيجىڭ ساقچىلىرى بۇ قېتىم، قوللىرىغا «جۇ يۈڭكاڭ قاتارلىق پارىخور ئەمەلدارلار شەخسى مۈلكىنى ئاممىغا ئاشكارىلىسۇن» دېگەن خەت بار تاختىلارنى كۆتۈرۈۋالغان ئەرزدارلارنىڭ نامايىشىنى توسمىغان.
بوشۈن تورىدىكى نامايىش ھەققىدىكى سۈرەتلىك خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدا نامايىش قىلغان ئەرزدارلار قولىغا كۆتۈرۈۋالغان تاختىغا: جۇ يۇڭكاڭغا يېزىلغان خەت دېگەن ماۋزۇ قويۇلۇپ، «ئاڭلىشىمىزچە، جۇڭگودا مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن ئاجرىتىلغان پۇل ھەربىي خىراجەتتىن ئېشىپ كېتىپتۇ. پۇقرالار بۇنىڭدىن ھەيران بولۇۋاتىمىز. سىز ئۆزىڭىزنىڭ پاك ئەمەلدار ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلاپ، ئەرزدارلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىمەن دېسىڭىز، شەخسى مۈلكىڭىزنى ھەم مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن ئاجرىتىلغان خىراجەتنى ئاشكارىلاڭ. سىزدىن سەمىمىلىك بىلەن ئۈمىد كۈتۈۋاتقان ئەرزدارلاردىن» دېگەن جۈملىلەر يېزىلغان.
بوشۈن تور بېكىتىدىكى خەۋەردە يەنە، بېيجىڭدا ئەرزدارلارنىڭ جۇ يۈڭكاڭنىڭ شەخسى مۈلكىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلىشىغا نىسپەتەن بېيجىڭ ساقچىلىرىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشى خىتاي تور بېكەتلىرىدىكى جۇ يۈڭكاڭنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشلىرى ھەققىدىكى پاكىتلارنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىمۇ ئامالسىز ھالەتتە قويۇۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
نامايىش ھەققىدىكى بىر ئىنكاستا مۇنداق يېزىلغان: نۆۋەتتە تور بېكەتلىرىدە پاش بولۇۋاتقان ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشىغا ئائىت خەۋەرلەر خەلقنى غەزەپلەندۈرگەن بولسا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئامالسىز ھالەتتە قالدۇرماقتا. جۇ يۈڭكاڭ خەلق ئارىسىدا ئۈزلۈكسىز ھالدا پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مۇقىملىقنى ساقلاشتا خىزمەت كۆرسەتكەن دەپ قارىلىپ، ھازىرغىچە يىقىلماي كەلگەن ئىدى. شى جىڭپىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن «ئەمەلدارلار ئىچىدىكى چىرىكلىككە زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. جۇ يۈڭكاڭنىڭ يېقىنى بولغان سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرىتارى لى چۈنچېڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئەمدى نۆۋەت پارىخور ئەمەلدار جۇ يۈڭكاڭغا كەلدى.»
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىقلار 13 - دېكابىردىكى خەۋەرلىرىدە، 18 - قۇرۇلتايدىن كېيىن مەركىزى كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولۇپ سايلانغان سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرىتارى لى چۈنچېڭنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى ئىنتىزامسىزلىق قىلمىشى سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئېلان قىلىنىپ، ئۇ، 18 - قۇرۇلتايدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، تەكشۈرۈشكە بۇيرۇلغان ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدار دېيىلگەن. بوشۈن تورىنىڭ بۈگۈنكى بىر خەۋىرىدە پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان لى چۈنچېڭنىڭ ئىلگىرى بو شىلەي، ۋاڭ لىجۈن قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە خىتاي مەركىزى سىياسى بيۇرۇسىنىڭ 9 ئەزاسىنىڭ بىرى بولغان جۇ يۈڭكاڭنىڭ يېقىن ئادەملىرىدىن بىرى دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ،لى چۈنچېڭنىڭ جۇ يۈڭكاڭ جەمەتىنىڭ بايلىق توپلىشىدىكى يېقىن ھەمكارلاشقۇچىسى ئىكەنلىكى پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
يېڭى ئىرا گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىمۇ بېيجىڭدىكى ئەرزدارلارنىڭ نامايىشى ھەم خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىك قىلمىشى ھەققىدە خەۋەرلەر بېسىلغان. بۇ خەۋەرلەردە نۆۋەتتە شى جىڭپىڭ قاتارلىق خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇھىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خەلق ئارىسىدا چىرىكلىك قىلمىشلىرى ئاشكارىلىنىپ كەتكەن لى چۈنچېڭ قاتارلىق بىر قىسىم ئەمەلدارلارنى جازالاش ئارقىلىق، خەلقنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقان نارازىلىقىنى بېسىشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنتېرنېتكە قارىتىلغان نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلدارلارنىڭ سەتچىلىكىگە ئائىت خەۋەرلەرنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
نۆۋەتتە خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشى، پارىخورلۇق قىلمىشلىرىغا قارشى سادالار كۈچەيگەن بولۇپ،9 - دېكابىر خەلقئارا پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈنىدە، خۇ جيا قاتارلىق خىتاي زىيالىيلىرى، ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، مىنىستىردىن يۇقىرى دەرىجىلىك 205 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنى ئۆزى، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ مال - مۈلكىنى ئاشكارىلاشقا چاقىرغان ئىدى.
خىتايدا تەسىرى كۈچلۈك بولغان 100 نەچچە زىيالىي ئىمزا قويغان ئوچۇق خەتتە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىكى پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشىنىڭ خىتاي دۆلىتىنى ۋەيران بولۇشقا باشلاپ بارىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان. ئىمزالىق خەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىكى مىنىستىردىن يۇقىرى دەرىجىلىك 205 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىدىن 2013 - يىلى ئېچىلىدىغان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدىن ئىلگىرى شەخسى مال - مۈلكىنى ئاممىغا ئاشكارىلاش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، ئىمزالىق خەتتە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلەنگەن ئەمەلدارلاردىن ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇربەكرى قاتارلىق ئىككى ئەمەلدارنىڭمۇ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. ئىمزالىق خەتتە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن ئۆزىنىڭ، جۆرىسىنىڭ، پەرزەنتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە تەيىنلىنىشتىن ئىلگىرىكى ۋە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدىكى تۇراقلىق ۋە تۇراقسىز مال - مۈلكىنى ئاممىغا ئاشكارىلاش تەلەپ قىلىنغان ئىدى.
0:00 / 0:00