0:00 / 0:00
مەلۇمكى، 1986-يىلنىڭ 17-دېكابىر كۈنى ئەتىگەنلىكى شەھەرنىڭ برېژنيېف نامىدىكى مەيدانىدا تىنچلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ياشلار "ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىز ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز"، "ھەر بىر خەلققە - ئۆز داھىيسى كېرەك" دېگەنگە ئوخشاش چاقىرىقلار بىلەن نامايىشقا چىققان. ئىككى كۈنگە سوزۇلغان مەزكۇر نامايىش ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلغان ئىدى.
نامايىشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى، ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە ھەر خىل پىكىر-قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلگەن ئىدى.
شۇ ۋەقەلەرنىڭ قاتناشقۇچىسى ئەبەيدۇللام روزىيېف رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئۈستىدە توختالدى.