دىلارە چولپان بولۇش ئارزۇسى ئۈچۈن تۇنجى قەدەم ئالدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.09.10
2009.09.10
Youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
بۇ ئۇيغۇر قىزىنىڭ گېرمانىيە چولپانلار سەھنىسىدە كۆرۈنۈشى شۇنداقلا مىيونخېن تېلىۋىزىيىسىنىڭ دىلارە ھەققىدىكى زىيارەت خاتىرىسى بولسا چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بولۇپمۇ يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىنى ھاياجانغا سالدى.
ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، مەيلى قايسى دۆلەتتە بولمىسۇن، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ساقلاشقا، كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىمۇ ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، دىنىي ھەم مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرى بويىچە تەربىيىلەشكە تىرىشماقتا.
نۆۋەتتە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ئەۋلادلىرى ئارىسىدىنمۇ تۈرلۈك ساھەلەردە تالانتلىق، ئىجتىھاتلىق، ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرى يېتىشىپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇلۇشى ئۈچۈن ئۆز نۆۋىتىدە رول ئوينىماقتا.
يېقىندا گېرمانىيە تېلىۋېزىيىسىدە كۆرسىتىلگەن ئاممىباپ ناخشا چولپانلىرى پروگراممىسىدا، تالانتلىق ئۇيغۇر قىزى دىلارەنىڭ، گېرمانىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاممىباپ ناخشا چولپانلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسىگە مىيونخېندىن تاللانغان چولپانلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا كىرگەنلىكى، گەرچە بۇ يىللىق چولپانلىق تاجىسىنى كىيەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ مۇسابىقە جەريانىدا ئورۇنلىغان ناخشىسى ھەم ئالاھىدە پەرقلىق سىماسى ھەم ئىپادىلىرى تاماشىبىنلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.
دىلارە گېرمانىيە چولپانلار سەھنىسىدە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر قىزى ئىكەنلىكى خىتاينىڭ غەربىگە جايلاشقان ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەنلىكى، خىتاي ھۆكۆمىتىنىڭ رېجىمى تۈپەيلى ئائىلىسى بىلەن گېرمانىيىگە كۆچمەن بولۇشقا مەجبۇر بولغانلىقلىرى ھەققىدە توختالغان.
گېرمانىيە تېلىۋىزىيىسىدە ئۇيغۇر قىزى دىلارەنىڭ سىماسى، ئۇنىڭ ناخشىلىرى گېرمانىيە ۋە شۇنداقلا ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنى ھاياجانلاندۇرغان بولۇپ، بۇ ھەقتە گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت خانىم، بۇ تالانتلىق ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئىپادىسىدىن تولىمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئەمدى بىز چولپانىمىز دىلارەنىڭ ئۆزى بىلەن سىردىشىپ باقايلى:
ھەر بىر ئىنساندا ئوخشىمىغان تەبىئىي تالانتلار بولىدۇ، ئاتا - ئانىلار ئۆز پەرزەنتىنىڭ تالانتىنى ۋاقتىدا بايقاپ ھەمدە توغرا يېتەكلىگەندە ۋە جارى قىلدۇرۇشقا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەندە تالانت نەتىجىگە ئايلىنىدۇ. دىلارەنىڭ ئانىسى نۇربان خانىم ئۆز قىزىنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى تالانتىنى قانداق يېتەكلىدى؟ ئۇنىڭ تەجرىبىسىنى ئاڭلاپ كۆرەيلى.
ئۇتۇقنىڭ بىر پىرسەنتى تالانتتىن كەلسە قالغان 99 پىرسەنتى تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ دېگەن ئەقلىيە بار. ئاڭلىغىنىمىزدەك، دىلارە ئۆزىنىڭ چولپان بولۇش چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بىرىنچى قەدىمىنى ئالدى، دوستلار ئۇنىڭغا ئۇتۇقلار تىلەيلى، بۇ ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك، بىر كۈنلىرى ئۇنىڭ ناخشىلىرى دۇنيا سەھنىلىرىدە ياڭرىغاي.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.