شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېمىنى ھەققىدە سەلەي ھاجى ئارتۇشىنىڭ ئېيتقانلىرى

دۆلەت گېمىنى بىر مۇستەقىل دۆلەتنىڭ ئىدېئولوگىيىلىك سىمۋولىدۇر. دۇنيادىكى ھەممە دۆلەتلەرنىڭ ئاساسەن دۆلەت گېمنىلىرى بار بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن، مۇستەقىل بولۇپ، ئۆز دۆلەت ناخشىلىرىغا ئىگە بولدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.04.23
Selay-hajim-Istanbul-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻫﺎﺯﯨﺮ 86 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ، ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺗﻪﯞﭘﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺳﻪﻟﻪﻱ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺋﺎﺭﺗﯘﺷﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، 2008 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﻣﻴﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﺍﺷﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.
RFA Photo / Erkin Tarim

ھەر قانداق بىر خەلق ئۆز ھاكىمىيىتىنى قۇرۇش بىلەن تەڭ دۆلەت گېمىنى ئىجاد قىلىشقا كىرىشىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەڭ بۇرۇن دۆلەت گېمىنى ئىجاد قىلغان خەلقلەرنىڭ بىرىدۇر. ئېنىق تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغان 1933 - يىلى، 12 - نويابىردا قەشقەردە سابىت داموللام قاتارلىقلار رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى گەرچە قىسقا ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىغان بولسىمۇ، لېكىن بىر قەدەر سىستېمىلىق دۆلەتچىلىك ئاپپاراتىغا ئىگە بولغان بولۇپ، دۆلەتچىلىكنىڭ سىمۋولى ھېسابلانغان دۆلەت گېربى، بايرىقى ۋە دۆلەت گېمىنى بەرپا قىلغان.

كۆپىنچە مەنبەلەردە "قۇتۇلۇش" مارشىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا دۆلەت گېمىنى بولغانلىقى ئېيتىلماقتا. ھازىر 86 ياشقا كىرگەن، مەمتىلى تەۋپىقنىڭ سابىق ئوقۇغۇچىسى سەلەي ھاجىم ئارتۇشى ئەپەندى بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق.

ئەپسۇسكى، 1944 - يىلى 12 - نويابىردا غۇلجىدا تەسىس قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى شۇنچە قۇدرەت تاپقان ۋە سىستېمىلىق دۆلەت ئاپپاراتلىرىنى بەرپا قىلغان بولسىمۇ، بىراق دۆلەت گېمىنى ئىجاد قىلمىغان، ئەمما مىللىي ئارمىيە مارشى بولغان.

بەش يىل مەۋجۇت بولغان بۇ ھۆكۈمەت نېمە ئۈچۈن دۆلەت ناخشىسى ئىجاد قىلمىدى؟ ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ھەر خىل قىياسلىرى مەۋجۇت.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.