دۇنيا تۈرك مۇنبىرى يىغىنىنىڭ خىتاپنامىسى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2010.10.25
2010.10.25

RFA Photo / Arslan
يىغىنغا ئەزەربەيجان مۇھاجىرلار ئىشلىرى مىنىستىرى. كوسوۋا مۇھىت ئاسراش مىنىستىرى، تۈرك كېڭەش ھەيئىتى باش كاتىپى، تۈركى دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى، تۈركسوي خەلقئارا تۈرك مەدەنىيەت تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى، تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر مىنىستىرلىكى، يىغىننى كۆزىتىش ئۈچۈن قاتناشقان دىپلوماتلار ۋە ئاخباراتچىلار قاتناشتى.
يىغىندا، قازاقىستان كېڭەش پالاتا ئەزاسى غەرىبۇللاھ ئەسىم ئەپەندى سۆز قىلىپ، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىدىغانلىقى ھەققىدە مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ 1930 - يىللاردا، تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەرنىڭ بىر كۈنى چوقۇم مۇستەقىل بولىدۇ دېگەن سۆزىنىڭ ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى خاتىرىلەتتى.
غەرىبۇللاھ ئەسىم تۈركلەر ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىشىشىنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭمۇ قېتىلىشى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىپ داۋام قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: "بىز قېرىنداش ۋە دوست دېگەن ئوقۇمنى ئورتاق بىر شوئار قىلىپ، ھەممىمىز بۇ شوئارنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىشىمىز كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن بىزمۇ ئەجدادلىرىمىز ئىشلىگەن خاتانى تەكرارلىغان بولىمىز. ئەجدادلىرىمىز قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇقتىن ئۇزاقلىشىپ خاتالاشتى ۋە بۆلۈندى."

بۇ يىغىندا تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار 7 تۈرلۈك قارار ئېلىنغان بولۇپ بۇ قارارلار، تۈرك دۇنياسى مۇنبىرىنىڭ ئىستانبۇل خىتاپنامىسى دېگەن نام بىلەن تۈركئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەسمى تور سەھىپىسى ئارقىلىق ئېلان قىلىندى.
بۇ قارارلار تۆۋەندىكىچە:
1 - رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىڭ تۈرك دۇنياسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى. تۈرك دۇنياسىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش. تەلىم - تەربىيە، ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەت ساھەلەردە ھەمكارلىشىش ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولى. ئەجنەبىي دۈشمەنلىك، جەمئىيەتتىن چەتكە قېقىلىش ۋە سۈرگۈندىكى تۈركلەر. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە تۈرك مەدەنىيەت ساھەسى، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ھەمكارلىشىش ۋە رەسمى ئورگان تەسىس قىلىش.
2 - يىغىنغا قاتناشقان كىشى ۋە ياكى تەشكىلات - ئورگانلار ھەم ئۆز دۆلىتى، ھەم تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت قىلىش. بۇ يىغىندا ئېلىنغان قارارلارنىڭ، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان 'تۈرك كېڭەش ھەيئىتى'، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت مىنىستىرلار تەرىپىدىن ئېچىلغان يىغىنىغا، تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىكى قاتارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە تەشكىلاتلارغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
3 - دۇنيا تۈرك مۇنبىرى يىغىنىغا قاتناشقان پۈتكۈل شەخس ۋە ئورگانلار ئارىسىدا ئۆز - ئارا تەسىر دائىرىسى كەڭ ۋە كۈچلۈك بىر خەلقئارالىق ئۇچۇر ئالاقە مۇناسىۋىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەمكارلىق ۋە ئالاقىلىشىش مەقسىتىدە تۈرك دۇنياسى مۇنبىرى نامى ئاستىدا، تۈرك، ئىنگىلىز، ئۆزبېك، قىرغىز، ئەزەربەيجان ۋە قازاق قاتارلىق تىللاردا بىر تور سەھىپىسى لايىھىيىلەش.
4 - دۇنيا تۈرك مۇنبىرى نام ئاستىدا يەنە ئاقساقاللار گۇرۇپپىسى ۋە ئۇچۇر - ئالاقە گۇرۇپپىسى قۇرۇش. بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ئەڭ ئاز ھەر يىلى بىر قېتىم توپلىنىپ يىغىن ئېچىش.
5 - دۇنيا تۈرك مۇنبىرىنىڭ رەسمىيلىشىش ئۈچۈن قارار قىلغۇچىلارغا ۋە تۈرك كېڭەش ھەيئىتى قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ خىزمەتلىرىگە تۆھپە قوشۇش. تۈرك كېڭەش ھەيئىتى ۋە تاشقى تۈركلەر قېرىنداش خەلقلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىكى بىلەن بىرلىكتە، مۇناسىۋەتلەر دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلىكى بىلەن كېڭەش ئېلىپ بېرىش.
6 - دۇنيا تۈرك مۇنبىرى ئىچىدە، ئاتالمىش ئەرمېنىيە قىرغىنچىلىقى، قاراباغنىڭ ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىلىش، خەلقئارالىق جىنايەت ۋە تېررورلۇق. دۈشمەنلىك ۋە چەتكە قېقىلىش قاتارلىق كۈچىيىۋاتقان تەھدىت ۋە خەۋپلەر ھەققىدە ئورتاق ھەمكارلىشىش. سىپرۇس، ئاھىسكا ۋە قىرىم تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتلىرىغا قايتىشى.
7 - دۇنيا تۈرك مۇنبىرى يىغىنىنى ھەر يىلى بىر قېتىم ئۇيۇشتۇرۇش ۋە بۇ مۇنبەرگە قاتناشقان دۆلەتلەردىن خالىغان بىر دۆلەتنىڭ بۇ مۇنبەرگە ساھىبخانىلىق قىلالايدىغانلىقى قارار قىلىندى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان دۇنيا تۈرك مۇنبىرى يىغىنىغا، ئەزەربەيجان مۇھاجىرلار ئىشلىرى مىنىستىرى نازىم ئىبراھىموفنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن 2011 - يىلى 10 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا باكۇدا ئېچىلىشى قارار قىلىندى. ۋە يەنە دۇنيا تۈرك مۇنبىرى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن باش كاتىباتلىقنىڭ ئىستانبۇلدا ئېچىلىشى قارار قىلىندى.
بىز، بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان تۈركئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى سۇلايمان شەنسۇينىڭ پىكىر - قاراشلىرىنى ئالدۇق.
سۇلايمان شەنسوي ئەپەندى، بۇ يىغىننىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئۇيغۇرلارغا قانداق پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: "دۇنيا تۈرك مۇنبىرى يىغىنى، بۇ ساھەدە ئۇيۇشتۇرۇلغان تۈنجى يىغىن ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا تۈرك مۇنبىرى، تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان 'تۈرك كېڭەش ھەيئىتى' تەشكىلاتىغا ۋە سۈرگۈندىكى تۈركى تەشكىلاتلارنىڭ رەسمىلىشىشىگە تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ھەم تۈركىي دۆلەتلەرنىڭ، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ساھەلىرىدە رەسمىي ئورگانغا ئايلىنىشقا ۋە سۈرگۈندىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ پۈتكۈل دۇنيادا رەسمىي ئورگانغا ئايلىنىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. دۇنيادىكى پۈتكۈل تۈركلەرنىڭ ئۆز - ئارا ئۇچۇر - ئالاقە قىلىش ۋە مۇناسىۋەت قۇرۇشتا، كۈچلۈك بىر باسقۇچقا يۈكسىلىشىگە تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىۋاتىدۇ. شۈبھىسىزكى، تۈركىيە ۋە دۇنيادىكى باشقا مۇستەقىل تۈركىي دۆلەتلەر ۋە سۈرگۈندە ياشاۋاتقان تۈركلەر قانچىلىك كۈچلۈك بولسا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچلىكلىرىگە ئالاقىدار ئاساسىي مەسىلىلىرىنىڭ ھەل بولۇش جەھەتتە خىتاي دۆلىتىگە تېخىمۇ دېموكراتىك ۋە خەلقئارالىق بېسىم قىلالايدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇلارنىڭ دەپسەندە قىلىنغان قانۇنى ھەق ھوقۇقلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىشى، ھازىرقى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولۇش جەھەتتە ياردەم قىلىدۇ. دۇنيادا ھەم تۈركىي دۆلەتلەر ۋە سۈرگۈندە ياشاۋاتقان تۈركلەردىن ئىبارەت چوڭ بىر كۈچ بار، بۇ كۈچ قانچىلىك كۈچلىنىپ سىستېمىلىق بىر ئورگانغا ئايلانغاندا، شۈبھىسىز بۇ، شەرقىي تۈركىستانغىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ."
بىز يەنە بۇ يىغىنغا باشتىن - ئاخىر قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۇمتۈركنىڭ بۇ يىغىن ھەققىدىكى پىكىر قاراشلىرىنى ئالدۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.