دۇنيا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشىدىن ئۈمىدسىز

خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى ئىككى چوڭ يىغىندا خىتاي دىپلوماتىيىسى ھەققىدە سۆزلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى جەمئىيەتتىكى سىياسىي كۆز قارىشى ھۆكۈمەت بىلەن ئوخشىمايدىغان بىر قىسىم ئەربابلارنى قولغا ئالدى ۋە نەزەربەند قىلدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012-03-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى ئىككى چوڭ يىغىندا خىتاي دىپلوماتىيىسى ھەققىدە سۆز قىلدى. 2012-يىلى 6-مارت، بېيجىڭ.
خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى ئىككى چوڭ يىغىندا خىتاي دىپلوماتىيىسى ھەققىدە سۆز قىلدى. 2012-يىلى 6-مارت، بېيجىڭ.
AFP

خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى بۈگۈن ئىككى چوڭ يىغىندا خىتاي دىپلوماتىيىسى ھەققىدە سۆزلىگەن. ياڭ سۆزىدە، ئەگەر ئامېرىكا بىلەن خىتاي تىنچ ئۆتسە ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدۇ، ئەگەر ئۇرۇش قىلسا ھەر ئىككى تەرەپ يارىلىنىدۇ، دېگەن. ئامېرىكىنىڭ «بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» بۈگۈن بۇنىڭغا قارىتا بىر ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تەيۋەن، تىبەت مەسىلىلىرىدە چوقۇم بىر ئىشەنچ بەرپا قىلىشى زۆرۈر دەپ كۆرسەتتى. شۇنداقلا بۇ زۆرۈرىيەتنى دەلىللەش ئۈچۈن، ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشقا ۋەدە بەرگەن خىتاينىڭ ھازىر ئامېرىكىغا قارشى مەيداندا تۇرۇپ، بىر نەچچە ئاي ئىچىدىلا 7 مىڭ 500 دىن ئارتۇق خەلقنى ئۆلتۈرۈپ بولغان سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاۋاتقانلىقىنى بۇنىڭ مىسالى قىلىپ كۆرسەتتى.

«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بايان قىلىشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۈگۈن بېيجىڭدا خىتاي بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ بەرپا قىلىش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يىللاردىن بۇيان كۆپ قېتىم چېگرا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلماي كېلىۋاتقان ئىدى.

«ئامېرىكا ئاۋازى» خىتاي مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى ۋاڭ جەنياڭنى ئىككى چوڭ يىغىن ھەققىدە زىيارەت قىلغاندا، ئۇ، مەسىلىلەر بەك كۆپ توپلىنىپ، ھازىر ئۇنى بىر تەرەپ قىلمىسا بولمايدىغان - ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا بولمايدىغان ھالغا يەتتى. خىتايدا ھازىر بازار ئىگىلىكى، يەر تۈزۈمى ۋە سىياسىي تۈزۈلمىدىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتە چوڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلمىسا بولمايدۇ، دېگەن. بېيجىڭدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ساۋ سىيۇەن، خىتايدا ھازىر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلمىسا، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ دېگەن.

«ب ب س» نىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭدىكى ئەرزدارلار بۈگۈن «ۋەكىللەرگە تەلەپ سۇنۇش» دېگەن نام بىلەن تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، پۇرسەت تاپقانلىكى جايدا «كىمنىڭ ۋەكىلى» دېگەن ھەجۋىي ئويۇننى قويغان. سەندۇڭدىن كەلگەن بىر نەپەر ئالىي مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىسى تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، قىپ-يالىڭاچ ھالدا ئىككى چوڭ يىغىن زالىغا قاراپ تىزلىنىپ تۇرۇش ئارقىلىق، ئانىسىنىڭ ئەرزىنى سورىمىغان مەركىزى ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئەمما، ئىككى چوڭ يىغىندا كەيپىيات باشقىچە، «شىنخۇا ئاگېنتلىقى»نىڭ شىئەندە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ۋېي خەي خانىم بۇ قېتىمقى ئىككى چوڭ يىغىندا، مەن 25 يىلدىن بۇيان، ئالدىنقى 15 يىلدا خەلق ۋەكىلى، كېيىنكى 10 يىلدا سىياسىي كېڭەش ۋەكىلى بولۇپ ئىككى چوڭ يىغىنغا قاتنىشىپ كېلىۋاتقانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن دېگەن.

«ئىقتىسادىي كۆزەتكۈچى» تور گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ يىغىنى ھازىر پۈتۈنلەي كوممۇنىست پارتىيىنىڭ يىغىنىغا ئايلىنىپ بولغان. ئۇنىڭدا دېموكراتىك تۈزۈلمىدىن ئەسەر يوق. خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتىدە گۈللىنىش پەيدا بولۇشتىنمۇ ئۈمىد يوق.

«ئاسىيا خەۋەرلىرى» تور گېزىتىنىڭ بۈگۈن بايان قىلىشىچە، خىتاي بۇ ئىككى چوڭ يىغىننى قوغداشقا سەپەرۋەر قىلغان ساقچى سانى 750 مىڭدىن ئاشقان. ئىككى چوڭ يىغىن باشلانغاندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى، سىياسىي كۆز قارىشى ھۆكۈمەت بىلەن ئوخشىمايدىغان، بەلكى جەمئىيەتتە تونۇلغان ئەربابلارنى پۈتۈنلەي نەزەربەند قېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى تۈرمىگە ئايلاندۇرۇۋالغان. بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشۇڭ، تىبەت يازغۇچىسى ۋىسېرلەرنىڭ رادىئومىزغا ئېيتىپ بېرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختىنىمۇ ئۆز ئۆيىگە قامىۋالغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت