دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىگە دوكلات سۇندى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى مۇئاۋىن رەئىسى، تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي زىيارەتكە تەكلىپ قىلىنغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلۇ ئەپەندى ۋە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى پارلامېنت ئەزاسى فارۇك لوغئوغلۇ ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات سۇندى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.01.11


ئۇ دوكلاتىدا جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنى خىتايغا قارشى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تەكلىپ قىلدى. سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا قارىغاندا، كەمال قىلىچدارئوغلۇ تۇنجى قېتىم خىتايغا بارغان ئۆكتىچى پارتىيە رەئىسى ئىكەن. ئۇ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە شاڭخەي، بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەرنى ئايلىنىدىكەن.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىگە سۇنۇلغان دوكلات ۋە كەمال قىلىچدارئوغلىنىڭ خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا بولغان تەسىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇشنى خالىساڭلار، دىققىتىڭلار سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە بولسۇن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.