دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇچۇر تارقىتىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، د ئۇ ق نىڭ 4-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋە 6-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلەرنى تەربىيىلەش پروگراممىسىنى 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيودا ئېچىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، مەخسۇس «قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتى» قۇرۇپ ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى جىددىي شەكىلدە ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.
تەييارلىق كومىتېتى 15 كۈندە بىر قېتىم تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ تەييارلىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىمەكتە. 1-ئاينىڭ 22-كۈنى چاقىرىلغان 4-نۆۋەتلىك تېلېفون يىغىنىدا قۇرۇلتايغا سايلىنىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللەرنىڭ تىزىملىكىنى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەركىزىگە ئەۋەتىشكە ئوخشاش بىر يۈرۈش قارارلار ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىندى. بۇلاردىن باشقا قۇرۇلتاينىڭ رەھبەرلىكىگە نامزات بولۇشنىڭ شەرتلىرىمۇ بېكىتىلدى. بۇ قارارلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەشكىلاتلارغىمۇ ئەۋەتىلدى.
بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا، مۇھاجىرەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، جامائەت ئەربابلىرى، ۋەتەنپەرۋەر زاتلار، زىيالىيلار ۋە ياشلار ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى، پىلان-پروگراممىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىپ مۇھىم قارارلار ماقۇللىنىدىكەن. د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ ئېيتىشىچە يۇقىرىدىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سۈپەت، سالاھىيىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش قۇرۇلتاينىڭ كۆزلىگەن مەقسىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەن.
بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق كومىتېتى مەسئۇللىرىدىن بىرى دولقۇن ئەيسا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.