د ئۇ ق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خەلقئاراغا تېررورچى قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ب ب س، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خەلقئاراغا تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى، خوتەن، ئاقسۇ، سانجى، ئالتاي قاتارلىق شەھەرلىرىدە "يىڭنە سانجىش ۋەقەسى" يۈز بېرىپ، كىشىلەردە قورقۇنچ پەيدا قىلغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ۋەقەنى "تېررورلۇق قىلمىشى" دەپ بېكىتىپ، جىنايەت گۇماندارلىرىدىن 75 نەپەرنى قولغا ئېلىپ، بۇنىڭ 3 نەپىرىگە ھۆكۈم ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

شۇنداقلا يەنە، خىتاي ھۆكۈمەت ئاگېنتلىقلىرىنىڭ 16 - سېنتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە، شىنجاڭ ساقچى نازارىتىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە پارتلاتقۇچ بومبا ياسايدىغان بىر گۇرۇھنى پاش قىلىپ 6 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ب ب س ئاگېنتلىقى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق بىلەن ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھەق ‏ - ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر تۈرلۈك ئامال - چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇرلارنى خەلقئاراغا تېررورچى قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى دۆلەت تېررورچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن دۆلەت تېررورلۇق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈن 16 - سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدە، 6 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر پارتلاتقۇچ دورا ياساش گۇرۇھىنىڭ پاش قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ خەۋەرنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىنىڭ تولىمۇ تۆۋەنلىكىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاقسۇدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا تېلېفون ئۇرۇپ، بۇنداق بىر گۇرۇھنىڭ پاش قىلىنغانلىقى ھەققىدە ھەتتا ئاقسۇ دائىرىلىرىنىڭمۇ خەۋىرى يوقلۇقىنى بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقىنىلا ئالداپ قالماستىن، خەلقئاراغىمۇ يالغان خەۋەر تارقىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي ھالدا تېررورلۇق قالپىقى كىيدۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل بىر تەرەپلىمىلىك خەۋەر تارقىتىشتىكى ھەقىقىي مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" ھەم بۇ يىل سېنتەبىردە يۈز بەرگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نامايىشىغا سەۋەب بولغان "يىڭنە سانجىش ۋەقەسى"ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانماقچى دېگەن بولسىمۇ، بۇ تەشۋىقاتىغا خەلقئارا جامائەتچىلىكىلا ئەمەس، ھەتتا خىتاي خەلقىنىڭ ئۆزىنىمۇ ئىشەندۈرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، بارلىق ۋاستىلارنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش ئارقىلىق، خەلقئارا جامائەتنىڭ ئەيىبلىشىدىن قۇتۇلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقانىي تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولۇۋاتقان قىلمىشىغا نىسبەتەن، خەلقئارا جەمئىيەتلەرنىڭ ۋە دۆلەتلەرنىڭ دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىگە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، مەسىلىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېنىقلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچىلىقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارماقچى بولغان تېخىمۇ زور قانلىق باستۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.