ئەكبەرجان جامال سۇمرۇغ تېلېۋىزىيىسى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا ئۇچۇر يەتكۈزگىنى ئۈچۈن 10 يىللىق كېسىلگەن

تۇرپان شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ياش ئەكبەرجان جامال، 2007 - يىلى، سۇمرۇغ تېلىۋىزىيىسى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا ئۇچۇر يەتكۈزگىنى ئۈچۈن ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدا دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 10 يىللىق كېسىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.04.13
Uyghurlarni-tutqun-qilish-305 شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان بىر نەچچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ، چىڭداۋ شەھىرىدىكى مەلۇم خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلۇپ ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىنغان كۆرۈنۈش.
ﺳﯜﺭﻩﺕ boxun.com ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺕ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ boxun.com ﻧﯩﯔ.

ئەكبەرجان جامال نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى 4 - تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە. ئائىلىسى بولسا، ئەكبەرجانننىڭ ناھەق ھەم ئېغىر جازالانغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئەكبەرجانننىڭ دېلوسىغا قايتا قاراپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئەكبەرجان جامال بۇ يىل 24 ياش، ئۇ 2007 ‏ - يىلى 12 ‏ - ئاينىڭ 25 ‏ - كۈنى دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان؛ 2008 ‏ - يىلى 2 ‏ - ئاينىڭ 28 ‏ - كۈنى سوتلىنىپ، 10يىللىق كېسىلگەن. ئۇ ھازىر ئۈرۈمچىدىكى 4 ‏ - تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.

ئەكبەرجان 2007 ‏ - يىلى 10 ‏ - ئايدا تۇرپاندا يۈز بەرگەن تىجارەتچىلەر نامايىشىنىڭ ئاۋاز خاتىرىسىنى چەتئەلدىكى دوستلىرىغا يوللاپ بەرگەن. چەتئەلدىكى دوستلىرى مەزكۇر ئاۋاز خاتىرىسىنى خوڭكوڭدىكى سۇمرۇغ تېلېۋىزىيىسى ۋە ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا يەنى بۆلۈمىمىزگە يوللاپ بەرگەن. سوتتا دۆلەت مەخپىيەتلىكى دەپ قارالغان ئۇچۇر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەلۇم بىر ئىنكاسچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەكبەرجان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ۋە سۇمرۇغ تېلېۋىزىيىسىدە ئېلان قىلىنغان تۇرپاندىكى نامايىش ھەققىدىكى خەۋەرنى ئۆزىنىڭ شەخسىي تور بېتىدە ئېلان قىلىغان؛ مەزكۇر خەۋەرنى 5400 دىن ئارتۇق كىشى كۆرگەن.

ئەكبەرجاننىڭ ئانىسىنىڭ ئېيتىشىچىمۇ،ئەكبەرجان قىلغىنى ئۈچۈن دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئەكبەرجان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن كۇرسلاردا ئوقۇپ ئىنگىلىزچە ئۆگەنگەن ۋە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى پىلانلىغان غايىلىك بىر ياش بولۇپ، ئۇنىڭ 10يىللىق كېسىلىشى ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە قولۇم - قوشنا - مەھەللە جامائىتىنىڭمۇ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان.

ئەكبەرجان دېلوسىنى بىزگە مەلۇم قىلغان ئىنكاسچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەكبەرجان مەيلى سوراق جەريانىدا ياكى مەيلى سوتتا بولسۇن، قىلغان ئىشىدىن پۇشمان قىلمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىگەلىكىنى ئەكسىچە، ئۇچۇر ئېلىش ۋە ئۇچۇر يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئەقەللىي بىر ئىنسانىي ھوقۇقىنى قوللانغانلىقىنى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ دەردىنى دۇنياغا يەتكۈزۈشتەك ئىنسانىي بۇرچىنى ئادا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەكبەرجاننىڭ ئانىسى ئىبادەتخانىم ئۆز ئوغلىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئوغلىنىڭ دېلوسىغا قايتا قاراپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىبادەتخانىم سۆزىدە، ئوغلىغا قىلىنغان ھەقسىزلىق تۈپەيلى ھۆكۈمەتتىن نارازى ئەمەسلىكىنى، بۇنى پەقەت ھۆكۈمەتتىكى ئايرىم ئورۇن ۋە ئايرىم شەخىسلەرنىڭ خىزمەت خاتالىقى دەپ قارايدىغانلىقىنى، ۋە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئوغلى ئۈستىدىن چىقارغان خاتا ھۆكۈمىنى ھامان بىر كۈنى تۈزۈتىدىغانلىقىنىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋە ئۆزىنىڭ بۇ تەلىپىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ دىققىتىگە بالدۇرراق يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن ئاخبارات ساھەسىنى ياردەمگە چاقىردى.

ئىبادەت خانىم بۇ تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان كۈن دەل خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەركەت پىلانىنى ئېلان قىلغان كۈنىگە توغرا كەلدى. ئەكبەرجان جامالنىڭ ئۇچۇر - ئالاقە ھوقۇقىنى قوللانغىنى ئۈچۈن 10 يىل كېسىلگەنلىك ۋەقەسى، كېسىلىپ بىر يىل 4 ئايدىن كېيىن يەنى بۈگۈن ئاخبارات دۇنياسىغا ئاشكارىلاندى.

نۆۋەتتە ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى مەزكۇر دېلونى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، خىتاينى بۈگۈن ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ھەركەت پىلانى بويىچە ئەكبەرجان جامال قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرماقچى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.