خەلق سەنئەتكارى ئەكرەم مۆمىن: ناخشا-مۇزىكىلىرىم ئارقىلىق مىللىتىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن
2012.11.26
![ekrem-tembur-mominof-305.jpg ekrem-tembur-mominof-305.jpg](https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/ekrem-muminof-11262012152925.html/ekrem-tembur-mominof-305.jpg/@@images/afa0869e-bb8e-47cd-9d85-5b1dbf9134b9.jpeg)
مەلۇمكى، چەتئەللەردىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىگە تارقالغان. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا بۇ جۇمھۇرىيەتتە 60 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدۇ. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاساسلىق قىسمى بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ، مەزكۇر جۇمھۇرىيەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆز مىللىي ئەنئەنىلىرى ۋە ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي سەنئىتىنى بىر قەدەر ياخشى ساقلىغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۆز مىللىي كىملىكى، مىللىي مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنى قوغداش ھەم تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدىيىلىرى كۈچەيگەن بولۇپ، مىللىي ناخشا-مۇزىكا سەنئىتى بۇنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىرىدىن بىرىدۇر.
بىشكەك شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ناخشا-مۇزىكا ئانسامبىلى «ئىنتىزار» نىڭ ئەزاسى، قىرغىزىستانغا تونۇلغان خەلق سەنئەتكارى ئەكرەم مۇمىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۆز سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
10-ئايدا ئامېرىكىغا كېلىپ، پايتەخت ۋاشىنگتون شەھىرى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشىپ، ئۇيغۇر جامائىتىنى ئۆزىنىڭ يېقىملىق ۋە جۇشقۇن ناخشا-مۇزىكىلىرى، مۇقاملىرى ۋە لەتىپە-چاقچاقلىرى بىلەن ھۇزۇرلاندۇرۇپ، يۇرت-ۋەتەن سېغىنىش تۇيغۇلىرىدىن چاڭقىغان قەلبلەرگە مەلھەم بولغان ئەكرەم ئەپەندى بۈگۈن ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىز بىلەن ئەكرەم مۇمىننوفنىڭ سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.