ئىتالىيىدە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنى ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر تېخنىكلىرى بىلەن تەربىيىلەش مەكتىپى ئېچىلدى
2012.11.29
ئىتالىيە ئەينى چاغدىكى بىر تۈرمىنى بۇ مەكتەپكە ئىئانە قىلغان. بۇ مەكتەپ ئالدىمىزدىكى بىرىنچى ئايدىن باشلاپ رەسمىي ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى بولۇشى، ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان بولۇشىدەك ئارقا كۆرۈنۈشلەر قاتتىق شەرت قىلىنىدىكەن. ئوقۇغۇچىلارغا يېڭى تېخنىكىلارنى قانداق قوللىنىش، تېلېفون سۆھبىتى، ئېلخەت ۋە ۋىدېئولارغا سېلىنىدىغان ئۇچۇرلارنى ئەۋەتكەندە، زۇلۇم قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ سۈزۈش تورىغا چۈشۈپ قېلىشتىن قانداق ساقلىنىش شۇنداقلا ئىنسان ھەقلىرى قانۇنلىرى، ئەخلاقىي پرىنسىپلار ئۆگىتىلىدىكەن. بۇ كەسىپ نۇرغۇن ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر ئىنسانلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشتا بىر - بىرى بىلەن ئالاقە قىلىشى ۋە بىر-بىرىنى ئويغىتىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭ ئەرەب باھارى ھەرىكىتىدە ئوينىغان رولى ۋە شۇنداقلا ئۈرۈمچىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. زوراۋان ھۆكۈمەتلەرنىڭ خەلقئارادىن ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىدىن يوشۇرۇن ھالدا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر ئارقىلىق ئاشكارىلىنىشى شۇ دۆلەت تۈزۈلمىسىگە تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ؟ ئىنسانلارنى داۋاملىشىۋاتقان زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ مەيدانغا ئېلىپ چىقالامدۇ؟ بىز بۇ ھەقتە كانادادىكى ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى ئۆمەرجان بۆرە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.