ئەنقەرەنىڭ خوجاتەپە مەسچىتى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئەركىنلىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈشكە ئاز قالغان شۇ كۈنلەردە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئولىمپىككە قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى توختاتماي داۋام قىلماقتا. 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئەنقەرەدە بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى ئەركىنلىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش چوڭ نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.27
turkiye-namayish-metbuat1-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 6 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ - 27 ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩﺩﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﻪﺷﺌﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

 مەيدىسىگە `ئولىمپىككە قارشى تۇرىمىز` دېگەن خەت بېسىلغان، دۈمبە تەرىپىگە بولسا  كۆك بايراق ۋە `ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك` دېگەن سۆزلەر بېسىلىپ ئالاھىدە تەييارلانغان ئاق مايكىلارنى كىيىشكەن ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر دوستلىرى ئەنقەرە شۇنداقلا تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ جامەلىرىدىن بىرى بولغان خوجاتەپە جامەسىدە ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۆتۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزدى.

نامايىشتا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمى بايان قىلىنغان "كۆرۈڭلار بۇ ۋەھشىيلىكنى، شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ" تېمىسىدىكى تەشۋىق ۋاراقلىرى تارقىتىلدى. جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆلتۈرۈلگەن شېھىتلەرنىڭ نامىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلدى. جامەدىن چىققان نامايىش ئەھلى كېيىن ئەنقەرەنىڭ غازى ئوسمان پاشا مەھەللىسىگە جايلاشقان خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدى. بۇ يەرنى نۇرغۇنلىغان ساقچىلار قوغداۋاتقان ئىدى.

خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى بۇ نامايىشقا تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرى، تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە، قەيسەرى ۋە ئىستانبۇل شەھەرلىرىدىن كەلگەنلەردىن چوڭ‏ - كىچىك بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. نامايىش ئەھلى بىردەك "شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن، خىتايدا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلغانلار خىتاي قىلغان جىنايەتكە ئورتاق بولغان ھېسابلىنىدۇ، قاتىل خىتاي " دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلارنى توۋلاشتى. نامايىش ئاخىرىدا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىشىكىگە قارا گۈلچەمبىرەك قويۇلدى. تۈركىيىدە قارا گۈلچەمبىرەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى ئەيىبلاش ئۈچۈن قويىلىدۇ.

بۇ قېتىملىق نامايىش دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىلنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئۇيۇشتۇرۇلدى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بولسا قەيسەرىدىكى نامايىشچى ئاممىنى تەشكىللەپ 3 ئاپتوۋۇز كىشى بىلەن بۇ نامايىشقا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن ئەنقەرەگە كەلدى. ئۇ نامايىش جەريانىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ نەق مەيداندىن ئەۋەتكەن مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.