ئەنقەرەدە ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش كۇرسى ئېچىلدى

چەتئەللەردە ئۇيغۇرچە ئۆگىنىدىغانلارنىڭ سانى كۈندىن كۈنگە كۆپەيمەكتە. يېقىندا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىدە ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش كۇرسى ئېچىلدى.

0:00 / 0:00

بۇ كۇرسقا ئەنقەرەدىكى بەزى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ياشلار ياچېيكىسىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىغا قىزىقىدىغان ياشلاردىن بولۇپ 20 ئەتراپىدا كىشى قاتناشماقتا.

بۇ كۇرسنى ئۇيۇشتۇرغان تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇرۇن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئانا تىلىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن كۇرسلار ئېچىلغان بولسا، ئەمدى تۈركلەرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بۇ كۇرسنى ئاچقانلىقىنى، يېڭى باشلانغان بۇ كۇرسقا تۈركلەرنىڭ قىزىقىشىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ھەر ھەپتە شەنبە كۈنى ئىككى سائەت ئۇيغۇرچە ئۆگىتىدىغان بۇ كۇرسنى ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ كۇرسقا قاتنىشىۋاتقانلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ كۇرس ھەققىدە مەلۇمات ئالدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.