ئەنقەرەدە 'خىتاينىڭ يۈكسىلىش ھېكايىسى' ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.01.25
2010.01.25
RFA Photo / Erkin Tarim
يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتى مۇدىرى پروف. در. ياسىن تاييار ئەپەندى قىلدى. ئۇ نۇتقىدا، بۇ يىغىننى ئېچىشتىكى مەقسىتىنىڭ خىتاي دۆلىتىنى چۈشىنىش شۇنىڭ بىلەن تۈركىيىنىڭ خىتاي سىياسىتى بەلگىلەپ چىقىشىغا ياردەم قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇ يىغىنغا دوتسېنت در. ئەركىن ئەكرەم رىياسەتچىلىق قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن خىتاينىڭ تەرەققىيات تارىخى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ئۇ نۇقتىلىق ھالدا دېڭ شىياۋپېڭنىڭ ئېچىۋېتىش سىياسىتى باشلىغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بولغان ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈستىدە توختالدى. كېيىن تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسىسلىرىدىن دوتسېنت در. سەلچۇق چولاقوغلۇ، در. بارىش ئادىبەللى، تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى باشلىقى در. سىنان ئوگان قاتارلىق كىشىلەر خىتاينىڭ يۈكسىلىش ۋە بۇ يۈكسىلىشنىڭ خىتايدا ياراتقان مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.
مۇزاكىرە ئاخىرىدا چىقىرىلغان خۇلاسىدا، خىتايدا مىللەتچىلىكنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى، خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ رەسمى ئىستاتىستىكىلىرىغا قارىغاندا 150 - 200 مىليون ئەتراپىدا، بەزى مۇتىخەسىسلەرنىڭ دەيىشىچە 280 مىليون ئەتراپىدا نامرات ئىنسان بارلىقىنى، خىتايدا كىشىلەرنىڭ ئىجتىمايى پاراۋانلىقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغاچقا، كېلەچەكتە خىتايدا مۇقىملىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.
يىغىندا مۇتەخەسىسلەر خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدىمۇ ئەتراپلىق ھالدا توختالدى.
بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوتسېنت در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.