تۆلەنگەن بەدەلگە لايىق ئاز-تولا ئۆزگىرىشلەرمۇ بولماقتا. ئەمما ئاخىرقى ھېسابتا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە يولىدا تۆكۈلگەن قانلار بەدەلسىز قالمايدىغانلىقى ئېنىق. بۇنىڭغا ھەر كىم ئىشىنىدۇ ۋە ئۈمىد باغلايدۇ.
لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 28-مارت كۈنىدىكى سانىدا، مەشھۇر يازغۇچى ئابدۇلمۇنئىم سەئىد دېگەن كىشىنىڭ قەلىمى بىلەن يېزىلغان «ئىنقىلابلارنىڭ بەدىلى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«دۇنيادا ھېچ نەرسە بىكارغا كەلمەيدۇ. يېمەك-ئىچمەكلەردىن باشلاپ تۇرمۇشتىكى ئاددىي بىر ئېھتىياجلارمۇ بىكارغا كەلمىگەندەك، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە ھۆرىيەت دېگەنلەرمۇ بىكارغا كەلمەيدۇ. بەلكى بۇلارنىڭ بەدىلى ئەلۋەتتە چوڭ بولىدۇ. دۇنيادا ھەر قانداق بىر ئىنقىلاب، قوزغىلاڭ ۋە ھەر قانداق بىر نامايىشقا ئۈمىد بىلەن مۇئامىلە قىلغانلارمۇ ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىدىن شەك قىلغانلارمۇ بولغان. ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيادا پەۋقۇلئاددە چوڭ ئۆزگىرىش قوزغىغان فرانسىيە ئىنقىلابىغىمۇ شەك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلار بولغان. ئەمما فرانسىيە ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئىنقىلاب كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن.
ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئەھۋال باشقىچە
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ئەرەب باھارى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۇ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ نامى يەنىلا ‹باھار› دۇر. چۈنكى بۇ باھار نەچچە ئون يىللاردىن بىرى سۈكۈتتە ياتقان ۋىجدانلارنى قوزغاتتى ۋە ئىنسانىي ھۆرمىتى بىلەن ياشاشنى ئارزۇ قىلغانلارنىڭ يولىغا شام ياقتى. ئەمما ئەرەب دۇنياسىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ كاپالىتى ئازدەك قىلىدۇ. چۈنكى، فرانسىيە ئىنقىلابىدەك چوڭ ئىنقىلابلارنى باشلاتقانلار ھەر تەرەپتىن يېتىشكەن شەخسىيەتلەر ئىدى. ئەمما ئەرەب دۇنياسىدا قوزغالغان نامايىشلار خەلق تەرىپىدىنلا بولغان. ئۇلارنىڭ يېڭى ۋەزىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە تەييارلىقى يوق. شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ۋە نەتىجە قازانغان دۆلەتلەرنىڭ تەجرىبىسىدىن ئۆگىنىشكە موھتاج. ئەركىنلىك ۋە ھەقىقىي دېموكراتىيە دەپ يولغا چىققان خەلق بۇ يولدا بەدەل تۆلەشكە رازى بولۇپ چىققان خەلقتۇر. ئەمما بەدەل جان، مالدىن ئېشىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشقا يېتىپ قالسا بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئىنقىلابقا باش بولغانلار مەسئۇل. لىۋىيىنىڭ پارچىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئېچىنىشلىق ئەھۋالى ھەر كىمنى ئويغا سالماقتا.»