ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ چوڭ يىغىنىدا ئېلىنغان قارارلار

ئەرەب دۆلەتلىرى ئىراندىن ھەققىنى چىرايلىق تەلەپ قىلىشقا كېلىشتى.

0:00 / 0:00

مۇندىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى قاتار دۆلىتىنىڭ پايتەختى دەۋھە شەھىرىدە ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ چوڭ يىغىنى باشلانغان ئىدى. يىغىن ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ ئىرانغا تۇتىدىغان مەۋقەسى ھەققىدە چاقىرىلغان ئىدى.

قاتاردا چىقىدىغان«رايە» ۋە «ئەرەب» گېزىتلىرىنىڭ ئوچۇقلىشىچە، 2012 - يىلى 17 - ئاپرىل سەيشەنبە كۈنى قاتاردا چاقىرىلغان ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ چوڭ يىغىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان ۋە مۇھىم قارارلارنى ئالغان.

قاتارنىڭ «رايە»گېزىتى 2012 - يىلى19 - ئاپرىل سانىدىكى خەۋىرىدە تۆۋەندىكىلەرنى يازغان:«ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭشىنىڭ نۆۋەتتىكى بۇ چوڭ يىغىنى ئىران رەئىسى ئەھمەدى نەجادنىڭ ئىران 1971 - يىلى بېسىۋالغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكى زېمىنى بولغان ئەبۇ مۇسا ئارىلىنى زىيارەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك چاقىرىلغان بولۇپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەبۇ مۇسا ئارىلىنى ئىراندىن قانداق قايتۇرۇپ ئېلىش ۋە ئۆز زېمىنىگە ئۆزى قانداق ئىگە بولۇشىنىڭ يوللىرى، شۇنداقلا ئىرانغا قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە ئورتاق قارار ئېلىش، شۇنداقلا ئەرەب دۆلەتلىرى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەممە بىردەك كۈچ چىقىرىش تەلىپى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان ئىدى. يىغىننىڭ كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى بولغان. يىغىنغا قاتناشقان ئەرەب دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ھەممىسى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ھەققىنى ئىراندىن قايتۇرۇپ ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ۋە بۇ يولدا ئەرەب دۆلەتلىرى بىر تەندەك بولۇپ ئىش كۆرۈشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلەشكەن بولدى.»

يىغىننىڭ ئاساسلىق قارارى

قاتارنىڭ «ئەرەب»گېزىتى 2012 - يىلى19 - ئاپرىل كۈنىدىكى سانىدا، قاتاردا چاقىرىلغان ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ چوڭ يىغىنى پۈتۈن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىران بىلەن دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشىدىن ئاۋۋال ئۆز ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى، ئىناقلىقنى ۋە بىرلىكنى كۈچەيتىشى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەبۇ مۇسا ئارىلىنى ئىراندىن دىپلوماتىيە يوللىرى بىلەن چىرايلىق يوسۇندا قايتۇرۇپ ئېلىش، كېچىكتۈرمەستىن ئىراندىن ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى نامىدىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ھەققى بولغان ئەبۇ مۇسا ئارىلىنى قايتۇرۇپ بېرىىشىنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق قارارلارنى ئالغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

تەھلىلچىلەرگە كۆرە، ئەرەبلەر بىلەن ئىرانلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى تالاش تارتىش ماۋزۇسى بولۇپ قالغان ئارال بىرلا ئەبۇ مۇسا ئارىلى ئەمەس، بەلكى جەمى ئۈچ ئارال ئىكەن. بۇ ئاراللارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئايلانمىسى 20 كىلومېتىردىن ئاشمايدىكەن. ھازىر ئىران بىلەن ئەرەبلەر ئوتتۇرىسىدا جىددىي تالاش - تارتىش ماۋزۇسى بولغان ئەبۇ مۇسا ئارىلى ئەرەب قولتۇقىنىڭ جەنۇبىي ۋە ئىراننىڭ ھۇرمۇز بوغىزىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا جايلاشقان ئىنتايىن كىچىك بىر ئارال ئىكەن.