ئۈرۈمچى پولات زاۋۇتىنىڭ بىر ئىشچىسى ساقچىلار ۋە "ئاقچىلار" ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى

خروئىن ئەتكەسچىلىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئېغىر تالاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن ۋە ئېلىپ كېلىۋاتقان جەمئىيەت ھادىسىلىرىدىن بىرىدۇر. خىتاي قانۇن ئورگانلىرى جىددىي ھالەتتە ئىدارە قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئۈرۈمچى شەھىرىدە خروئىن ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئەركىن ھالدا سودا قىلىۋاتقانلىقى، ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىنى، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى غەزەپلەندۈرمەكتە.

0:00 / 0:00

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار ساقچىلار بىلەن ئەتكەسچىلەر ئارىسىدىكى بۇ شىرىكچىلىكنى بىر تەرەپ قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئىمكانىدىنمۇ مەھرۇم ياشىماقتا. يېقىندا مانا بۇ ۋەزىيەتكە نارازى بولغان ئۇيغۇرلاردىن بىرى رادىئومىز مۇخبىرىغا تېلېفون قىلىپ، ئۈرۈمچىنىڭ پولات زاۋۇتى ئاھالىلەر رايونىدىكى خروئىن ئەتكەسچىلىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدىكى شىرىكچىلىك ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى.