ئۇيغۇر ئەرزدارلار بېيجىڭغا قايتىدىن توپلىنىشقا باشلىدى

خىتاينىڭ 18 - قۇرۇلتىيى ھارپىسىدا بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئەرزدارلار، يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن بېيجىڭدىن ئاساسەن ھەممىسى دېگۈدەك تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.02.13
erzdar-boway-305.jpg بىر ئوغلى مەلۇم بىر خىتاي تەرىپىدىن پىچاقلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن بىر بوۋاي، قاتىل قولغا ئىلىنىپ ئۇزۇن مەزگىل ئۆتمەيلا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن 9 يىلدىن ئارتۇق ئەرز قىلغان. 2009-يىلى 23 ئاپرېل.
RFA


ئىگىلىشىمىزچە، تۇتۇپ كېتىلگەنلەرنىڭ بەزىلىرى قاماققا تاشلانغان، بەزىلىرى ئۆيىدە ياكى سىرتتا نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان؛ يەنە بەزىلىرى بولسا يالغان سۆزلەر بىلەن ئالدىنىپ بېيجىڭغا كېلىپ ھەرىكەت قىلىشتىن توسۇپ تۇرۇلغان. 18 - قۇرۇلتاي ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بىر قىسمى قويۇپ بېرىلگەن؛ قويۇپ بېرىلگەنلىرىدىن پۇرسەت تاپقانلىرى بېيجىڭغا يەنە يېتىپ كېلىپ، ئەرزلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىغان.

بۇ ئەرزدارلار بۈگۈن مۇخبىرىمىزغا ئۆزلىرىنىڭ 18 - قۇرۇلتاي مەزگىلىدە بېشىغا كەلگەنلىرى ۋە نېمە ئۈچۈن بېيجىڭغا ئەرزگە كېلىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.