ئەرزدار ئايگۈل توختى ساقچىنى بىر تەستەك سالدى، ئەرزى ئۈچكە كۆپەيدى

نەچچە مىڭلىغان خىتاي ئەرزدارلارنىڭ بېيجىڭ شەھىرىدىكى كۆۋرۈكلەر ئاستىدا توپلىشىپ ياشىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن ئەندىشىگە سالمىغان؛ ئەمما 20 - 30 نەپەر ئۇيغۇر ئەرزدارنىڭ بېيجىڭنىڭ چەت ياقىلىرىدا چېدىر تىكىپ كېچىنى تاڭغا ئۇلىشى، خىتاينى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى نۇقتىسىدىن ئەندىشىگە سالغان. شۇڭا ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ چېدىرى بۇ يىل ئىچىدە 3 قېتىم بۇزۇۋېتىلگەن. ئاخىرقى قېتىم چېدىرى بۇزۇلۇۋاتقاندا، ئەرزدار ئايگۈل توختى، خىتاي ساقچىنى بىر شاپىلاق ئۇرغان. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە ئۇنىڭ ئەرزى بىردىن ئۈچكە كۆپەيگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.12.02
beijing-petitioners-305-2.png سۈرەتتە بېيجىڭدىكى ئەرزدارلار ۋە خىتاي ساقچىلىرى ئوتتىرىسىدىكى توقۇنۇشتىن بىر كۆرۈنۈش
AFP

بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ سانى بەزىدە 200 ئەتراپىغا بېرىپ قالسا، بەزىدە 20 - 30غا چۈشۈپ قالىدۇ. ساندىكى تۆۋەنلەش ھەرگىز، سىياسەتتىكى ئۆزگىرىشتىن ياكى مەسىلىلىرىنىڭ ھەل بولغانلىقىدىن ئەمەس. خىتاينىڭ ھەر قېتىملىق دۆلەت ۋە مىللىي بايراملىرى، خەلقئارالىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە كۆرگەزمىلىرى شۇنداقلا يەنە خىتاينىڭ پارتىيە ۋە خەلق قۇرۇلتايلىرى، ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ بېيجىڭدىن ھەيدىلىشىگە سەۋەب بولىدۇ. خىتاي بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئەرزدارلار ئىچىدىكى يېتەكلەش ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان غوللۇق ۋە ئاكتىپ ئەرزدارلارغا قارىتا نۇقتىلىق زەربە بېرىشنى باشلىغان. خىتاي بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۆمەرجان ئابلا ئىسىملىك بىر ئەرزدارنى ئەرزدارلارنىڭ كاتتىۋېشى دەپ قاراپ قولغا ئالغان. مەلۇم بولۇشىچە نۆۋەتتە يەنە، تونۇلغان ئەرزدارلاردىن، تۇرسۇن غوپۇر، ئايگۈل توختى، خالمۇرات ۋە گۈلجەننەت قاتارلىقلارمۇ، خىتاينىڭ ئەرزدارلار ئۈچۈن ھازىرلىغان قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئەسلىدە ئايگۈل توختىنىڭ ئەرزى تارتىۋېلىنغان قورا - جاي ئۈستىدە بولۇپ، ئالدىنقى يىلى ئۇ بورتالادا قانۇنسىز ھالدا 10 كۈن سولاپ قويۇلغاندىن كېيىن، بۇنىڭغىمۇ نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە ئەرزى ئىككىگە كۆپەيگەن. بۇ قېتىم ئۇ خىتاي ساقچىنى بىر شاپىلاق ئۇرۇپ، ساقچىخانىغا قاماپ قويۇلغان مەزگىلدە، چېدىردىكى يۈك - تاقىلىرى يۈتۈپ كەتكەن. بۇنىڭ يۈتۈشىگە ساقچىلارنىڭ چېدىرىنى بۇزۇۋېتىشى سەۋەب بولغان. بۇنىڭ بىلەن ئايگۈل توختىنىڭ ئەرزى ئۈچ كۆپەيگەن. ئۇ نۆۋەتتە چېدىرى بۇزۇلغاندا يۈتكەن يۈك - تاقىسى ۋە ماتېرىياللىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ھەققىدىمۇ ئالاقىدار ئورۇنلارغا شىكايەتلىرىنى سۇنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.