70 يېشىڭىز مۇبارەك بولسۇن ئەخمەتجان ھاشىرى

قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئەخمەتجان ھاشىرى ئۇزۇن يىللىق ئەدەبىي ئىجادىيىتى ھەمدە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى بىلەن خەلق ئىچىدە يۇقىرى ئابرويغا ئېرىشكەن پىشقەدەم قەلەمكەشلەرنىڭ بىرى.

يازغۇچى، دراماتورگ ئەخمەتجان ھقشىرىنىڭ 70 ياشقا توشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 26 ‏- ماي كۈنى ئالماتادا يازغۇچىلار ئىتتىپاقى بىناسى زالىدا تەنتەنىلىك خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

قازاقىستاندىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇللا مەزكۈر خاتىرىلەش پائالىيىتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.