گېرمانىيىنىڭ فرانكفورت شەھىرىدە ئېچىلغان خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىدىكى ئۇيغۇر تىزمىسى

گېرمانىيىنىڭ فرانكفورت شەھىرىدە ئېچىلغان خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىدە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ ئۆزىنىڭ دېموكراتىك پائالىيەتلىرىنى كىتاب، رەسىم ۋە ۋىدىئو فىلىملىرى بىلەن دۇنياغا كۆرسەتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.10.20
Girmaniye-kitap-yermenkiside-xitay-mat-boldi-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﻳﻪﺭﻣﻪﻧﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨﻼﺭ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺩﯦﻤﻮﻛﯩﺮﺍﺗﭽﻰ، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﺋﺎﻛﺘﯩﯟﯨﺴﺖ ﻟﻴﯘ ﺷﯩﻴﺎﯞﺑﻮﻧﯩﯔ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﯨﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﭘﯩﻼﻛﯩﺖ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

گېرمانىيىنىڭ فرانكفورت شەھىرىدە ئېچىلغان خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسى، خۇددى دۇنيا ئولىمپىك مۇسابىقىسىدەك بىر چوڭ پائالىيەت بولۇپ ئۆتتى. ھازىر فرانكفورتتا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىسى كۆرەش ئاتاخاننىڭ بايان قىلىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ بۇ يەرمەنكىدە ئۆزىنىڭ دېموكراتىك پائالىيەتلىرىنى كىتاب، رەسىم ۋە ۋىدىئو فىلىملىرى ئارقىلىق دۇنياغا كۆرسەتتى.

بۇ يىل گېرمانىيىدە ئېچىلغان كىتاب يەرمەنكىسىگە، خىتاينىڭ مۇئاۋېن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3000 ئارتۇق ئادەم باشلاپ بارغان ئىدى. كۆرەش ئاتاخاننىڭ ھېس قىلىشىچە، خىتاي بۇ يەرمەنكىدە ئۆزىنى دۇنياغا كۆز - كۆز قىلغىلى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلىغىلى، بولۇپمۇ دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەرقىنى ئاشكارىلىغىلى كەلگەن ئىكەن.

ئۇيغۇر يازغۇچىسى كۆرەش ئاتاخاننىڭ بايان قىلىشىچە، غەرب يازغۇچىلىرى، بۇ قېتىمقى خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىىسىگە كەلگەن خىتايلارنىڭ ھەرگىز راس گەپ قىلمايدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىۋالغان.

بىز بۇ يەرمەنكىدىكى ئۇيغۇر كىتاب تىزمىسىنىڭ تەسىرى ھەققىدە ئۇيغۇر يازغۇچىسى كۆرەش ئاتاخان بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.