گېرمانىيە چەتئەل سىياسىتى تور بېتىدە 28-چېسلا ماركۇس دېگگېرىچنىڭ «بېرلىن بېيجىڭ بىلەن ئىللىق مۇناسىۋەتتە» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئاپتور ماقالىسىنى مۇنداق باشلىغان:
2005-يىلى سايلامدا غەلىبە قازانغان مېركېل ئىزچىل تۈردە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ كەلدى ۋە ھەتتا 2007-يىلى تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما ئەپەندى بىلەنمۇ ئۇچراشتى. خىتاي رەھبەرلىرىنى 2008-يىلىدىكى ئولىمپىك ئېچىلىشتىن بۇرۇن ئىزچىل ھالدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە ئەيىبلەپ كەلدى. مېركېلنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشى ئۆزگىرىپ كەتتى. ئۇ تۈنۈگۈنكى مېركېل. ئەمما بۈگۈنكى مېركېل باشقىچە مېركېل بولۇپ، ئۇ ھازىر خىتاينى چۈشىنىپ تونۇپ يەتتى، بولۇپمۇ ئىقتىسادى ھەمكارلىقتا. شۇڭا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە مېركېل جىمجىت بولۇپ كەتتى. ئۇ ھازىر كلاسسىك سىياسەتچىلەردەك سالماق، ئېغىر بېسىق بولۇپ كەتتى.
مەركىزى ئەنگلىيىدىكى ئىستراتېگىيە ئۆگىنىش خەلقئارا ئىنستىتۇتىنىڭ تور بېتىدە 8-ئاينىڭ 28-كۈنى سىياسىي ئىقتىساد ئىستراتېگىيە فاكۇلتېتىنىڭ دىرېكتورى دوكتور سانجايا بارۇ ئەپەندىنىڭ «مېركېل خىتايدا» ناملىق ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ئۇ ماقالىسىدە ھانس كۇندنانى ۋە جوناس پارېللو پلەسنەر قاتارلىق ياۋروپا تاشقى دىپلومات مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرلىكتە يازغان «خىتاي-گېرمانىيە مۇناسىۋىتى نېمە ئۈچۈن ئالاھىدە مۇناسىۋەت ۋە ياۋروپا مەسىلىسى» دېگەن ماقالىلەردىن نەقىل كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، تېخى يېقىندىلا ئېلان قىلىنغان فرانسىيىلىك ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى فرانكوئىس ھەئىسبوئۇرگنىڭ «ياۋروپا كرىزىسىنىڭ كۆلەڭگىسى» ناملىق ماقالىسىدىن نەقىل ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ:
فرانسىيىلىكلەردە «ئۆلگەن ئىت سۇدا لەيلەپتۇ» دېگەن سۆز بار. ئەمدىلىكتە ياۋروپانىڭ ئىقتىسادى كرىزىسى سۇدا ئاستا لەيلەشكە باشلىدى. بۇنى سىياسىيونلار ھەل قىلىمىز دەيدۇ، ئەمما ھەممىسى سايلامغىچە شۇنداق دەيدۇ.
ئاپتور ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:
گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي سەپىرى بۇ بىر يىل ئىچىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق سەپىرى بولۇپ، سېنتەبىر ئايلىرىدا ياۋروپادا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى زور بولغان ئىقتىسادى پاجىئەلەرنىڭ ھارپىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. گېرمانىيە 15 مىليارد قىممىتىدىكى تېخنىكىلارنى خىتايغا ساتتى. بۇ خىلدىكى سودا يىلدىن-يىلغا ئېشىپ 2011-يىلىغا كەلگەندە 169 مىلياردقا يەتكەن. ھازىرقى پىلاندا 2015-يىلىغا بارغاندا 280 مىلياردقا يەتكۈزۈلمەكچى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى پەقەت بىرلا قېتىم بولىدىغان ئىش ئەمەس. بۇ ئىككى دۆلەت بىر-بىرگە ئېھتىياجلىق دەيدۇ. گېرمانىيىدىكى سىياسىي پارتىيىلەرمۇ مېركېلنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سودا-ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردە سۆزلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەگەر مېركېل بۇ قېتىمقى خىتاي سەپىرىدە غەلىبە قازىنالىسا، ئۆز دۆلىتىدىمۇ ۋە ياۋروپادىمۇ يۈز ئابرۇيى كۆتۈرۈلىدۇ. مېركېلنىڭ يول يۈرۈشى ئىككى پۇتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بىلەن بولغاندەك، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي بىلەن سۆھبىتىمۇ سىياسىي بىلەن ئىقتىسادتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىدۇ. گېرمانىيە دۆلىتىمۇ ۋە ياۋروپامۇ ئۇنىڭ سەپىرىدە ياراتقان ئىقتىسادى قىممەتكە بەكرەك قىزىقىدۇ.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھازىر ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سىياسىي ئىقتىساد تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياپونىيىلىك پروفېسسور دوكتور نىشىخارا سېجى ئەپەندى ۋە ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گېرمانىيىلىك بالمۇ ئەپەندىلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
سوئال: خەيرلىك سەھەر نىشىخارا ئەپەندى، سىزگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، بۈگۈندىن باشلاپ گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل خانىم خىتايدا ئۈچ كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدۇ. بىر قانچە كۈندىن بۇيان مەتبۇئاتلاردا مېركېلنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي سەپىرىنىڭ پەقەتلا ياۋروپانىڭ ئىقتىسادى كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈنلا ئىكەنلىكى، شۇڭا مېركېلنىڭ خىتايغا ئۇيغۇر، تىبەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە بېسىم ئىشلىتىشىدىن ئۈمىد يوق، دەپ قاراۋاتىدۇ. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
-ھازىرچە بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس. لېكىن مەن ئىشىنىمەنكى، مېركېل كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە چوقۇم سۆزلىشىدۇ. ئۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىلا ئەمەس، يەنە ئاتوم ئېنېرگىيىسى مەسىلىسىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ياۋروپا رەھبەرلىرىدىن بىرى. شۇڭا مەن ئۇنىڭ خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە سۆزلىشىدىغانلىقىغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارايمەن.
سوئال: خەيرلىك سەھەر بالمۇ ئەپەندى، سىزنىڭ دۆلىتىڭىزنىڭ باش مىنىستىرى مېركېل خانىم بۈگۈندىن باشلاپ خىتايدا زىيارەتتە بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر، ئۇ بۇ سەپىرىدە ياۋروپا ئىقتىسادى كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سىياسىي مەسىلىلەرنى يەنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئۇنتۇپ كەتتى. مېركېل ئۆزگەردى. ئۇ ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرىدە سۆزلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتىدۇ، دەپ قاراۋاتىدۇ. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
-مېنىڭچە، ئۇ ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ ۋە مەيدانىنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەيدۇ. مېركېل خىتايدىكى زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرى گرىتسىيە، ئىتالىيە باش مىنىستىرلىرى گېرمانىيىگە ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىنىڭ ياۋروپا ئىقتىسادى كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىملىقىنى، بۇ قېتىمقى سەپەردە باشقا سىياسىي مەسىلىلەرنى قويۇپ تۇرۇپ، خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە ھالقىلىق سۆزلىشىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، مېركېل ئۇلارغا: خەير-خوش، ئامان بولۇڭلار، مەن خىتاي بىلەن نېمىنى سۆزلىشىشنى ئۆزۈم ئوبدان بىلىمەن، دەپ ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى. مېركېل قالتىس ئايال، ئۇ ھەرگىز ئىقتىسادقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى يەنى پۇلغا ئىنسانلارنى سېتىۋەتمەيدۇ. ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر سىلەر خاتىرجەم بولۇڭلار، مېركېل چوقۇم سىلەر تەرەپتە تۇرۇپ ھەقنى سۆزلەيدۇ، مەن مېركېلدىن تولىمۇ ئۈمىدۋار.