5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار (28)

يېقىندا بايقالغان غايىپلاردىن بىرى ئالىمجان بەكرى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ 5 - ئىيۇل كۈنىدىكى نامايىشتا، سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغانلاردىن بىرى، ئۇ شۇ كۈنى كەچتىن ئېتىبارەن ئىز - دېرەكسىز غايىپ. بۈگۈنكى پروگرامىمىزدا ئالىمجان بەكرىنىڭ كىملىكى ۋە غايىپ بولۇش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۈرۇمچىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىملارنىڭ بىرقىسىم غايىپلار ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا بەرگەن يېڭى جاۋابلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.12.28
alimjan-bekri-305.png 5 - ئىيۇلدىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغان ئالىمجان بەكرى
Photo: RFA


مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئەرزىيەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى غايىپلار ھەققىدە تەكشۈرۈشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن يۇقىرىدىن بۇيرۇق كۈتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ئالىمجان بەكرى، 1985 - يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. ئۇ 2003 - يىلى ئۈرۈمچى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن؛ ئۇ ئالي مەكتەپ ئېمتىھانىدىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن، ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرەلمىگەن. ئالىمجان بەكرى، بىر مەھەل جەمئىيەتتە ئىشسىز يۈرگەندىن كېيىن، 2006 - يىلى ئۈرۈمچىدىكى دىخۇا ئۆي - مۈلك شىركىتىگە ئىشقا چۈشكەن. ئۆي ساتقۇچى بولۇپ ئىشلەش داۋامىدا، كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە يارىتىپ شىركىتى تەرىپىدىن 2 قېتىم تەقدىرلەنگەن ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىنى ھەقسىز ساياھەت قىلىشقا ئەۋەتىلگەن. خىزمىتى ئۇتۇقلۇق، تۇرمۇشى نورمال كېتىۋاتقان ئالىمجان بەكرى، 2009 - يىلىدىكى 26 - ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسىنى ئىنتېرنېتتىن كۆرگەندىن كېيىن، كۈندىلىك ھاياتىدا بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولغان. ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شاۋگۈەن ۋەقەسىدىن كېيىن نەچچە كۈنلەپ ئۇخلىمىغان؛ دوستلىرى بىلەن سائەت - سائەتلەپ ۋەقە ھەققىدە پىكىر ۋە مۇلاھىزە قىلىشقان. 5 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە شاۋگۇەن ۋەقەسىگە قارشى نامايىش يۈز بەرگەندە، ئۇ سەپنىڭ ئالدىدا ئورۇن ئالغان. نامايىش توقۇنۇشقا ئايلانغان مەزگىلدە، كەچ سائەت 8 ئەتراپىدا ئۇ شەھەرنىڭ مۇزىكا زاۋۇتى دەپ ئاتىلىدىغان تەۋەلىكىدە كۆرۇلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىز - دېرىكى مەلۇم ئەمەس.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۈرۈمچىدىكى غايىپلار ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى، دائىرىلەردىن پەرزەنتلىرىنىڭ ئىز - دېرىكىنى داۋاملىق تۈردە سۈرۈشتە قىلماقتا. مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا يەنە 10غا يېقىن كىشى، شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىغا بارغان. ئالاقىدار مەسئۇل خادىم تۆۋەندىكىچە جاۋاب قايتۇرغان. مەلۇم بولۇشىچە، غايىپلارنى تىزىملاش ۋە ئېنىقلاش ئىشلىرىغا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىن، قادىر، ئەمەتجان ۋە تۇرسۇن بەختى قاتارلىق كىشىلەر مەسئۇل بولغان بولۇپ، بۇلاردىن تۇرسۇن بەختى 2 ئاينىڭ ئالدىدا سىرلىق ھالدا جان ئۈزگەن. ئەمەتجان ۋە قادىر قاتارلىق كىشىلەر، غايىپلار ھەققىدە تەكشۈرۈشنى تاماملاپ بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھايات ياكى ماماتلىقىنى ئېنىق بىلىدىغانلىقىنى، بۇنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن پەقەت يۇقىرىدىن بۇيرۇق كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.