فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا پۇل ياردەم قىلدى
2012.11.01
شۇڭا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بىر تەرەپتىن غايىبلار مەسىلىسىنى خەلقئارا جامائەتكە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سوراپ، ئۇلارنىڭ دەردىگە ئاز بولسىمۇ دەرمان بولۇشقا تىرىشماقتا. بۇ قېتىم قۇربان ھېيت ھارپىسىدا، فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا پۇل ئەۋەتىشى ئەنە شۇ تىرىشچانلىقلاردىن بىر پارچىدۇر.
بىز بۈگۈن غايىبلار تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالالىغان ياكى ئالالمىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇ جەرياندا بىر ئاۋارىچىلىككە يولۇققان-يولۇقمىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بىر قىسىم ئائىلىلەرگە تېلېفون قىلدۇق.
غايىبلاردىن تۇرغۇن ئوبۇلقاسىمنىڭ ئايالى مەرھابا:
سوئال: ھېيتلار قانداقراق ئۆتۈۋاتىدۇ؟
جاۋاب: ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ. رەھمەت سىلەرگە!
سوئال: ئازراق پۇل ئەۋەتىلگەن تاپشۇرۇپ ئالالىدىڭىزمۇ؟
جاۋاب: ئالدىم، ئالدىم، 3000يۈەن تاپشۇرۇپ ئالدىم.
سوئال: سىلەرگە بۇ ھېيت مەزگىلىدە بىر ئاۋارىچىلىك بولمىغاندۇ؟
جاۋاب: ياق بولمىدى.
غايىبلاردىن مەمتىمىن ياسىننىڭ ئايالى مەرەمنىسا:
سوئال: پۇلنى تاپشۇرۇۋاپسىز ئاڭلىساق، پۇلنى نەدىن ئالدىڭ دەپ سۈرۈشتە قىلىدىغانلار بولمىغاندۇ؟
جاۋاب: جىمجىتلىق، ئۇنداق بولمىدى؟
سوئال: دوستلىرىڭلارنىڭ-تەقدىردىشىڭلارنىڭ ئەھۋالىدا بىر جىددىي ئۆزگىرىش يوقتۇ؟
جاۋاب: روشەنگۈل بىلەن كۆرۈشتىڭىزمۇ؟ ئۇنىڭ سىز بىلەن كۆرۈشكۈسى بارتى.
سوئال....
غايىبلاردىن ئابدۇرېھىم سىدىقنىڭ ئايالى ئايىشە:
سوئال: سىز ئابدۇرېھىم سىدىقنىڭ ئايالى ئايىشە بولامسىز؟
جاۋاب: شۇنداق، مەن شۇ.
سوئال: ھېيتتا سىزگە ئازراق پۇل ئەۋەتىلگەنىكەن، تاپشۇرۇپ ئالالىدىڭىزمۇ؟
جاۋاب: ئالدىم، 2250 يۈەن ئالدىم. يەنە بۇسارەمنىڭ پۇلىنىمۇ يەتكۈزۈپ بەردىم، ئۇنىڭغىمۇ 2250 يۈەن.
سوئال: پۇلنىڭ سۈرۈشتىسى بولمىغاندۇ؟ نەدىن ئالدىڭ، نەگە بەردىڭ دەيدىغان؟
جاۋاب: ياق بولمىدى. ناتونۇش بىر ئادەم تېلېفون قىلىپ ھال سورىدى، دۆلەت سىرتىدىن تېلېفون قىلىۋاتىمەن دەپ.
غايىبلاردىن مەمەت باراتنىڭ ئانىسى سۇدىخان:
سوئال: قۇربان ھېيتلىق پۇلنى تاپشۇرۇۋالغىنىڭلار ئۈچۈن ئاۋارىچىلىك بولمىغاندۇ؟
جاۋاب: ئازراق بولدى. ساقچىخانىدىن ۋە شېچۈدىن (ئاھالىلەر كومىتېتىدىن) كىرىپتىكەن، قانچە پۇل كەلدى، كىمدىن كەلدى، دەپ. كىم ئەۋەتكىنىنى بىلمەيمىز، ئەۋەتىپتۇ، خۇدايىم بەردى دەپ ئالدۇق دەپ جاۋاب بەردىم. دېمىسىمۇ، بىزنى باقىدىغان بالىلىرىمىزنى يوقىتىۋەتتى، تۇرمۇشتا قىينالدۇق، شۇڭا سوئال-سوراقلىرىغا بوش تۇرمىدۇق.
غايىبلاردىن مۇختەر مەخەتنىڭ ئايالى تۇقىز:
-پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق، ھېچكىم بىر نېمە دېمىدى. قېرىنداشلارغا رەھمەت.
-ياخشى بوپتۇ. ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجىڭلار بۇ ئەمەس، سىلەرگە كېرىكى يوقالغان ئادەمنىڭ ئۇچۇرى. سىلەرگە تېخىمۇ كۆپ سەۋر ۋە غەيرەت تىلەيمىز.
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىمقى قۇربان ھېيت ھارپىسىدا فرانسىيىدىكى بەزى ئۇيغۇر ساخاۋەتچىلەر، 920 دوللار، گېرمانىيىدىكىلەر 1500 دوللار، ۋاشىنگىتوندىكىلەر 700 دوللار بولۇپ، جەمئىي 3000 دوللاردىن ئارتۇق پۇل ئەۋەتكەن؛ بۇ غايىبلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن 10 كىشىگە، كامبودژادىن قايتۇرۇلۇپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن ئىككىسىنىڭ ئائىلىسىگە؛ تۈرمىدە يېتىۋاتقان سىياسىي مەھبۇسلاردىن ئىككى نەپىرىنىڭ ئائىلىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىلگەن.
بۇ ئىگىلىگەنلىرىمىز، قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى مەھبۇس، شېھىت ۋە غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا قىلغان ياردەملىرىنىڭ پەقەت بىرقانچە مىسالىدىنلا ئىبارەتتۇر.