ئۈرۈمچىدىكى بىر تاكسى شوپۇرى: «ئىنىمىزنى يوقۇتۇپ قويدۇق، ھېسابىنى ئاللاھغا تاپشۇردۇق»

5 - ئىيلدىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغانلارنىڭ ئېنىق سانى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىلىرىدىن بىرى؛ ئەمما ئارىدىن 3 يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۈتكەن بولسىمۇ، بۇ سان يەنىلا ئېنىقسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.12.14
Imammemetning-Anisi-patigul-ghulam-305.jpg ئىماممەمەت ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ 15-يىلى بۇرۇن چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى. ئانىسى پاتىگۈل غۇلام ئارقىدىكى رەتنىڭ ئوڭدىن بىرىنچىسى. ئوتتۇرىدىكىسى غايىب بولغان ئوغلى ئىماممەمەت ئېلى (12 ياش مەزگىلى)
RFA/Shohret Hoshur

5 - ئىيلدىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغانلارنىڭ ئېنىق سانى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىلىرىدىن بىرى؛ ئەمما ئارىدىن 3 يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۈتكەن بولسىمۇ، بۇ سان يەنىلا ئېنىقسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
بۇ سان بىر خىتاي ساقچى باشلىقىنىڭ ئېغىزىدىن ئاشكارىلانغىنى بويىچە ھېسابلانغاندا 300 نەپەردىن ئارتۇق؛ جەمئىيەتتە تارقىلىپ يۈرگەن تولۇقسىز ئۇچۇر ۋە پەرەزلەردىن قارىغاندا، بۇ سان ئاز دېگەندە مىڭدىن ئارتۇق.رادىئومىزنىڭ ھازىرغا قەدەر تولۇق كىملىك مەلۇماتلىرى بىلەن ئېنىقلاپ چىققىنى بولسا پەقەت 36 نەپەر. ئۈرۈمچىدىكى بىر تاكسى شوپۇرىنىڭ ئېغىزىدىن چىققان تۆۋەندىكى سۆزلەر، غايىپلارنىڭ ئومۇمى سانى ھەققىدە جەمئىيەتتە تارقالغان پەرەزلەرنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىدىن بىشارەت بەرمەكتە.

غايىپ ئىماممەمەت ئەلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلام، ئوغلىنىڭ ئىز - دېرىكىنى سوراش ئۈچۈن ئۆتكەن ھەپتە ساقچى ئورگانلىرىغا كېتىپ بېرىپ، ئۆزىگە قىسمەتداش يەنە بىر كىشىنى ئۇچراتقان. ئۇچرىغۇچى بىر تاكسى شوپۇرى بولۇپ، ئۇ پاتىگۇل بىلەن سۆھبەتلىشىش داۋامىدا ئۆزىنىڭ بىر ئىنىسىنىڭمۇ 5 - ئىيۇلدىن كېيىن غايىپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ئەمما ئىنىسىنى ئىزدىمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭغا ھەيران بولغان پاتىگۇل ئەھۋالنى ئىنچىكىلەپ سورىغاندا، ئۆزىنىڭ ئاتۇش شورۇقتىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن شوپۇر، ئىنىسى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى دەپ بېرىشنى رەت قىلغان ۋە «بىز بۇ ئىشنى سۈرۈشتە قىلىشنى ئاللاھغا تاپشۇردۇق» دېگەن. ئىككىسى ئارىسىدىكى سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى پروگرامىمىزنىڭ تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىكى ئاۋاز خاتىرىدىن ئاڭلىغايىسىلەر.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، غايىپلاردىن ئەيساجان ئەمەتنىڭ ئانىسى تۇرسۇنگۈل خانىممۇ، قەشقەردە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چارىسىزلىقتىن غايىپ بالىلىرىنىڭ تەقدىرىنى ئاللاھغا تاپشۇرۈپ، ۋەقەگە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. غايىپ نەبىجان ئەلىنىڭ دادىسىمۇ، خوتەن قارىقاشنىڭ ئۆزىدىلا، غايىپلار سانىنىڭ 200دىن ئاشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ساننى نېمە ئۈچۈن تا ھازىرغىچە يوشۇرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن غايىپلار ئائىلىسىگە ئۇلارنىڭ ھايات - ماماتلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمەيدۇ؟ مانا مۇشۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا دوكلات ھازىرلاپ، 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە تەشكىلاتقا يوللىغان ۋە ئۇلارنى مەسىلىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىرىپ ياردەم سورىغان. نۆۋەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەنە شۇ دۆلەت ۋە تەشكىلاتلاردىن مەسىلىگە جاۋاب كۈتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.