ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزىتىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرمۇ ئوخشىمىغان باھالارنى بەردى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ تۈنۈگۈن ئاقسارايدا ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىشى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدا يۈكسىلىۋاتقان سۈركىلىشنى تېخىمۇ ئۇلغايتتى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما دالاي لامانى ئاقسارايدا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق تۈردە ئامېرىكىنى دالاي لامانى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما باراك ئوبامانى پىلانىدىن ۋاز كەچتۈرەلمىدى.
تۈنۈگۈن ئاقسارايدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن، تىبەت روھانىي داھىيسى باراك ئوباما بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقى ۋە ئوبامانىڭ تىبەتنىڭ ھەقىقىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا جۈمە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى جون ھۇتىسمېننى چاقىرتىپ خىتاينىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. ئېلان قىلىنغان باياننامىدە باراك ئوبامانىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، بۇنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ مىللىي ھېسسىياتىنى زەخمىلەندۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ب ب س'نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي 20 يىلدىن بېرى دالاي لامانىڭ بۇ خىل ئۇچرىشىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىملىقى خىتاينىڭ ئەڭ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگىنى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يېقىندىن بۇيان ئارقا- ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مەسىلىلەر سەۋەبىدىن جىددىيلىشىپ قالغان ئىدى. گوگۇل شىركىتىنىڭ خىتاينى خاككېرلىق ھۇجۇم بىلەن ئەيىبلىشى، ئارقىدىن ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتاينى پۇلنىڭ قىممىتىنى كونترول قىلىپ سودىدا ئادالەتسىزلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بىردىنلا جىددىيلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇنداق بىر پەيتتە باراك ئوبامانىڭ دالاي لامانى ئاقسارايدا قوبۇل قىلىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى.
بۈگۈن خىتاينىڭ شىنخۇا، خەلق قاتارلىق خەۋەر بەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئامېرىكىغا بولغان قاتتىق غەزەپ - نەپرەت ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغانلىق ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق دەپ باھا بېرىلگەن.
ھازىر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بۇ سۈركىلىش پۈتۈن دۇنيانىڭ قىزىقىشىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا مەتبۇئاتلىرى ئوباما بىلەن دالاي لامانىڭ ئۇچرىشىشىغا ۋە بۇنىڭغا خىتاي تەرەپ كۆرسەتكەن نارازىلىققا ئالاھىدە يەر بەردى.
ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا بولسا بۈگۈن كۆزەتكۈچىلەر ئارقا - ئارقىدىن ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە كېيىنكى ۋەزىيەت ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ باردى.
بۇ ھەقتە ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ 19- چېسلادىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان "خىتاينىڭ يېڭى ئىككى قۇتۇپلۇق ماھىيىتى بىلەن يۈزلىشىش" ناملىق ماقالىدە ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بېرى "خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلەندۈرگەندىلا سىياسىي جەھەتتىنمۇ ئەركىنلىك ئەكەلگىلى جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان بىر تۈزۈم ياراتقىلى بولىدۇ" دەيدىغان ئۆرنەككە ئىشىنىپ كەلگەنلىكى ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئوخشىمايدىغان بىر رىئاللىق بىلەن يەنى خەلقى ئاجىز ۋە بىچارە بولغان، ئەمما ھۆكۈمىتى باي ۋە كۈچلۈك بولغان بىر خىتاي دۆلىتى بىلەن يۈزلەشكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ماقالىدە، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا ئېلىپ بارغان "پايدىغا شېرىك قىلىش ئارقىلىق ئەركىنلىك ئەكىلىش" دەيدىغان سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى كۈچلەندۈرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
ماقالىدە يەنە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى خۇددى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان قەسىتتەك كۆرىدىغانلىقى، شۇڭا خىتاينىڭ پرېزىدېنت ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشىنىمۇ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ "بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى قوللىدى" دەپ چۈشىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
ماقالىدە يەنە، خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيانقى مۇتىھەملىكلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ خورىكىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى ۋە ئۆزىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە بولغان ئىشەنچسىزلىكىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقى، شۇڭا ئەمدى ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىتا يېڭى بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن.
يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان جىددىي ۋەزىيەت شۇنداقلا خىتاينىڭ ھەددىدىن زىيادە رېئاكسىيىسى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە چىقىۋاتقان ماقالىلەر بىردەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ، ئىراندىكى يادرو مەسىلىسى ۋە كىلىمات مەسىلىلىرىدە بولسۇن مۇتىھەملىك قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئورتاقلاشماقتا.
بۈگۈن يەنە، ئامېرىكىدا چىقىدىغان خاففىڭتون پوچتىسى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان "غەرب چوقۇم تىبەتلەرنى قوللىشى كېرەك" تېمىلىق ماقالىدە ئاپتور تىبەت تارىخى، مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىتى بىلەن ئاستا - ئاستا يوقىلىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقى، تىبەتنىڭ پايتەختى بولغان لخاسانى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بېسىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇمات بېرىدۇ ۋە ئەگەر تىبەتكە كۆڭۈل بۆلمىگەن تەقدىردە دۇنيادا تىبەت دەپ بىر يەر قالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
ئاپتور، ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن ئاقسارايدا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى ئۈستىدە، ئوباما دالاي لاماغا: "ئەمدى بىز مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئۆز - ئارا ھەمكارلىشىپ، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىمىز" دەمدۇ ياكى "رەھمەت، سىز بىلەن ناھايىتى ياخشى سۈرەتكە چۈشۈۋالدىم، لېكىن سىز ئۆزىڭىزنىڭ كۈچىگە تايىنىڭ، دەمدۇ"، دەپ سوئال قويىدۇ.
ماقالىدە غەرب ئەللىرىنىڭ تىبەت مۇستەقىللىقىنى قوللىشى كېرەكلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، "ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى تىبەت مۇستەقىل بولغىچە خىتايغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك،" دەپ كۆرسىتىدۇ.
تىبەت ئەگەر مۇستەقىل بولغان تەقدىردە بۇنىڭ دۇنيادىكى زوراۋان كۈچلەر ۋە قورال ئارقىلىق، تېررور ئارقىلىق ھەق تەلەپ قىلىۋاتقانلارغىمۇ بىر ياخشى ئۈلگە بولىدىغانلىقى، تىبەتنىڭ مۇستەقىللىكىگە ئېرىشەلمەسلىكى دالاي لامانىڭ ئەمەس، بەلكى غەربنىڭ سەۋەنلىكى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان ماقالىدە، "غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ ئەزان ماللىرى بىلەن تىبەت مۇستەقىللىقىدىن بىرىنى تاللاش كېرەك"، دېيىلگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.