گېرمانىيە پارلامېنت ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە تىبەتتىكى زىيارىتى ئاخىرلاشتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2009.04.21
2009.04.21

AFP Photo
بۇ، خىتاي تەرەپنىڭ ئۆتكەن يىلى 3 - ئايدا تىبەتتە توپىلاڭ يۈز بەرگەندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم چەتەل كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خادىملىرىنىڭ تىبەتنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن شۇنداقلا گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خادىملىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ھۆكۈمەت نامىدىن رەسمى زىيارەت ئېلىپ بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
تىبەتنى زىيارەت قىلغان ۋەكىللەر ئۆمىكى دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ئۈچ كۈنلۈك زىيارەت ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، بۇ ئۆمەكنىڭ مەسۇلى ھايباچ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىبەتتىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن زىيارەتچىلەرگە "تىبەتتە ھەممە ئىش نورمال" دېگەن تەسىراتنى بېرىشكە تىرىشقان.
ھايباچ ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ توسالغۇسىغا قارىماي بەزى نەرسىلەرنى بىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلىپ، تىبەتتە يولغا قويۇلغان "ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ھەرىكىتى" گە قارىماققا ھەممىلا راھىب ئۆز ئىختىيارى بىلەن قاتناشقاندەك كۆرۈنگەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە، بىر نەپەر راھىبنىڭ "بىز مەجبۇرى قاتنىشىۋاتىمىز" دەپ، مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھايباچ ئەپەندى سۆزىدە، تىبەتتىكى بۇ ئۈچ كۈنلۈك زىيارەت جەريانىدا كۆپ نەرسىلەرنى بىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، تىبەت تۈرمىلىرىنى زىيارەت قىلىشقا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 20 - ئاپرىل كۈنى گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مەلۇماتىدىن نەقىل ئېلىپ بۇ خۇسۇستا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ بىر گورۇپپا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، خەۋەردە ئومۇمى نوپۇسى مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتاي زۇلمىغا ئۇچراۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ زىيارەتنىڭ نەتىجىسى ياكى خەۋىرى تېخى تىلغا ئېلىنمىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە بىز د ئۇ ق خادىملىرىدىن بەزى ئۇچۇرلارنى ئىگىلەشكە مۇيەسسەر بولدۇق.
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارىدىغان بۇ زىيارىتىدىن ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنلا خەۋىرى بارلىقىنى ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا ئائىت ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.