گېرمانىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا جاۋابنامە يوللىدى

گېرمانىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا جاۋابنامە يوللاپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ھەمدە كەلگۈسىدە گېرمانىيە - خىتاي ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىمزاسى بىلەن گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ھەمدە گېرمانىيىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا بىرەر تەدبىر ئېلىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلىپ بىر پارچە خەت يوللىغان.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يوللىغان خەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، مەزكۇر خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا بولغان تونۇشىنىڭ تېخىمۇ ئۆسكەنلىكىنى ھەمدە بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار مەسىلىگە داۋاملىق كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نەتىجىدە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يوللىغان خەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، مەزكۇر خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا بولغان تونۇشىنىڭ تېخىمۇ ئۆسكەنلىكىنى ھەمدە بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار مەسىلىگە داۋاملىق كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ نۆۋەت گېرمانىيە رەھبەرلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا يوللىغان جاۋاپنامىلار ئارىسىدا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىم نامىدا يوللانغان بىر پارچە مەكتۇپمۇ بار ئىكەن.

تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنلىرىغا سۇ يەتكۈزۈش توختىتىلماقچى

خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، تارىم دەريا باشقۇرۇش ئىدارىسى تارىم دەرياسىدا كۆرۈلگەن سۇ مىقدارى تۆۋەنلەش سەۋەبىدىن، ئىشلەپچىقىرىشنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدىكەن.

شىنخۇئا ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل تارىم دەرياسىدا سۇ مىقدارى يىللاردىكىگە نىسبەتەن بىر قەدەر تۆۋەنلىگەن بولۇپ، نەتىجىدە 2007 - يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنلىرىدا ئۇدا يەتتە ئاي سۇ ئۈزۈلۈپ قالغان.

ئاشكارىلىنىشىچە، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى 320 كىلومېتىر بۆلىكىگە 30 يىلدىن بېرى سۇ بېرىپ باقمىغان بولۇپ، نەتىجىدە دەريا ۋادىسىدىكى تەبىئىي يېشىل كارىدور ۋە نەچچە ئون مىڭ گېكتار توغراقلىق بارا - بارا قۇرۇپ ۋەيران بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2001 - يىلىدىن بۇيان، دەريا ئېكولوگىيىسىنى قۇتقۇزۇشقا مەبلەغ ئاجرىتىشقا باشلىغان ۋە دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە 9 قېتىم سۇ بەرگەن ئىكەن

ئۇيغۇر ئېلىدە قىزىل قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى تارقالماقتا

يېقىندىن بۇيان قىزىل كېسىلى ۋە چېچەك قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە تارقىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ 4 - نويابىر تارقاتقان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ پەسىلدە ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ جىددىي تارقىلىشى يەنە بىر يۇقىرى باسقۇچقا كىرگەن.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قىزىل، چېچەك، قۇلاق ئاقمىسى ۋە يۇقۇملۇق زۇكام، جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى ياللۇغى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر قايتا تارقالماقتا ئىكەن.

بۇ يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ بولۇپمۇ بالىلار ھەم ياش - ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا تارقىلىشى بىر قەدەر تېز كۆرۈلۈۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

باراك ئوباما ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى

ئامېرىكىنىڭ 2008‏ - يىللىق پرېزىدېنت سايلىمىدا، دېموكراتلار پارتىيىسى نامزاتى باراك ئوباما ئۇتۇپ چىقىپ، ئامېرىكىنىڭ 44 - نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى ۋە ئامېرىكا تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە ئاچتى.

بۇ ئامېرىكا تارىخىدا ئافرىقا ئىرقىدىكىلەرنىڭ تۇنجى قېتىم پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

باراك ئوباما سەيشەنبە كۈنكى سايلامدا خەلق ئاۋازىنىڭ %52 نى، يەنى 538 دانە سايلىغۇچى بېلەتنىڭ 338 نى ئۇتۇپ، رەقىبى جون مىككېييىننى مەغلۇپ قىلدى.

بۇ قېتىمقى سايلام ئامېرىكا تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ سايلام بولۇپلا قالماي، پۈتۈن دۇنيا دىققەت قىلىۋاتقان سايلام بولۇپ، ئانالىزچىلار ئوبامانىڭ غەلىبىسىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئېرقىي چەك - چېگرىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئېرقىي چۈشەنچىسىدە زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.نۆۋەتتە باراك ئوباما ئۆز ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇلدۇر.

ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭى نام ئاستىدا سىياسى ئۆگىنىش ھەرىكىتى قوزغالدى

ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر ساھەلەر بۇيىچە "مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە مۇقىملىق كۆز قارىشىنى ئاشۇرۇش" نى مەركەز قىلغان سىياسىي تەربىيىلەش ھەرىكىتى قايتا باشلانغان.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تەربىيىلەش ھەرىكىتى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا تەڭلا باشلانغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق سىياسىي ئىدېئولوگىيە بۇيىچە قايتا تەربىيىلەش ھەرىكىتىگە " چوڭ ئۆگىنىپ، چوڭ تەھلىل قىلىش" دەپ نام بەرگەن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دىنىي زاتلار، دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلار مەخسۇس بۇ ھەقتە سەييارە دوكلات بېرىشكە ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ تەشۋىقات ئەترىتى ھەتتا يېزا ‏ - كەنتلەردە مەھەللە ئارىلاپ، دېھقانلارنىڭ ئائىلىلىرىگە كىرىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش تەشۋىق تەربىيىسى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.