گۆھەر مەمەتنىڭ ئىرادىسى رەقىبىنى باش ئەگدۈردى، ئەمما دائىرىلەرنى ئىنساپقا كەلتۈرەلمىدى

ئۈرۈمچى پولات زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى شائىرە گۆھەر مەمەت 2009-يىلى دېكابىردا، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مىللىي كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى تىل-ھاقارەت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.09.16
Goher-memet-Uyghur-erzdar-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻩ ﮔﯚﻫﻪﺭ ﻣﻪﻣﻪﺕ.
RFA Photo / Shohret Hoshur

ئۇ شۇنىڭدىن بېرى ئۆزى ۋە مىللىتىنى ھاقارەت قىلغان مەزكۇر خىتاي كۆچمەنلىرى ئۈستىدىن خىتاينىڭ ھەر دەرىجىلىك ئالاقىدار ئورگانلىرىغا ئەرز قىلماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ئەرز ھېكايىسى بىرقانچە ئاينىڭ ئالدىدا رادىئومىزدا چاتما خەۋەر شەكلىدە ئېلان قىلىنغان ۋە شۇ مەزگىلدە، ئۇ يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن شاڭخەيدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى. مۇخبىرىمىز بۈگۈن گۆھەر مەمەتنى قايتا زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قارشى ئەرزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى.

گۆھەر مەمەت شاڭخەيدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، بىر قاتار تەربىيە بېرىلىپ قويۇۋېتىلگەن. ئەمما، ئۇ ئەرزىدىن ۋاز كەچمىگەن. ئۇ بىر تەرەپتىن قانۇنىي يول تۇتۇپ، ئالاقىدار ئورگانلارنى ئىزدىگەن. ئورگانلاردىن قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، ئۆزى ئالدىغا تەدبىر قوللىنىپ، ئۆزىنى ۋە مىللىتىنى ھاقارەت قىلغان مەزكۇر خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئارامچىلىق بەرمىگەن.

ئاڭلىغىنىڭلاردەك، گۆھەر مەمەتنىڭ قەتئىي ئىرادىسى، رەقىبى بولغان خىتاي كۆچمەنلىرىنى قورقۇتقان، باش ئەگدۈرگەن؛ ئەمما قانۇن-تۈزۈملەرنى بېكىتكەن ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنى ئىنساپقا كەلتۈرۈلمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.