كالىفورنىيە ۋە گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار '5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى' ھەققىدە تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا

"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسى " دىن كېيىن، ئۇيغۇرلار تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق شەكلىدىكى نامايىشىنى قانلىق باستۇرغانلىقى ھەم، ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى دۇنيا خەلقىگە تونۇتۇش ئۇچۇن،تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.07.26
Xitay-Namayish-urumchi-toqunush-305 2009-يىلى 6‏-ئىيۇل كۈنى سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 2 ئەتراپىدا، 300 ئەتراپىدىكى خىتاي، قوللىرىدا كالتەك-چوماق ۋە گۈرجەك كۆتۈرگەن ھالدا، ئۈرۈمچىنىڭ خەلق مەيدانىدا توپلىشىپ يۈرۈش باشلىغان. سۈرەت، خىتايلارنىڭ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدىكى كۆرۈنۈشى.
AFP Photo

25 - ئىيۇل شەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى لوس - ئانگىلېس شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار داڭلىق دېڭىز ساھىلى سانتى مونىكا دېگەن ساياھەت رايونىدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە خىتاينىڭ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دە ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرغانلىقى، ھەم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى بېسىۋالغان 60 يىل جەريانىدا ئۇيغۇر خەلقى ئۇستىدىن ئېلىپ بارغان تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسىتىنى ساياھەتچىلەرگە تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئېلىپ باردى.

كالىفورنىيە شتاتىدا بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلىرىدىن ئەركىن سىدىق ئەپەندى ۋە مېرشات ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ،بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ پائالىيەتنى كالىفورنىيىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللەپ، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۇچۇن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

مېرشات ئەپەندى پائالىيەتنىڭ مەقسىتىنى تونۇشتۇرۇپ، كالىفورنىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە بولۇپمۇ خىتايدىن كەلگەن خىتاي ساياھەتچىلىرىگە "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ئېلىپ بارغان قانلىق باستۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزى ئارقىلىق بىۋاسىتە يەتكۈزۈش، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 60 يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئۇلارغا ئاڭلىتىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مېرشات ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا،كالىفورنىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پائالىيىتىنى بۇندىن كېيىنمۇ ھەر شەنبە كۈنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى،چۈنكى دۇنيا خەلقىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا قىزىقىۋاتقانلىقىنى بۇ خىل تەشۋىقات ساياھەتچىلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلسا بۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

26 - ئىيۇل كۈنى " شاۋگۈەن ئويۇنچۇق زاۋۇتى قان تۆكۈلۈش ۋەقەسى"نىڭمۇ 1 ئاي بولغان خاتىرە كۈنى بولۇپ، گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى،"شاۋگۈەن ۋەقەسى"ھەم "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى"ۋەقەسىدە ئۆلگەن شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ، ئامىستېردام شەھىرىدىكى تۈرك جامەسىدە دۇئا - تىلاۋەت ئېلىپ بارغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گوللاندىيە ياشلىرىدىن ئادىل ئەپەندى بۇ پائالىيەتنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

قىسقىسى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" ئۇيغۇر خەلقىنى دۇنياغا تونۇتتى، خىتاينىڭ بۇ يىللاردا ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسىتىنى دۇنيا خەلقىگە ئاڭلاتتى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ۋە دەردىنى دۇنياغا ئاڭلاتماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.