«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» خىزمەت مەركىزى ئاچتى
2013.01.02
![Obul-Qasim-ependi-305.jpg Obul-Qasim-ependi-305.jpg](https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/gollandiye-uyghur-01022013160333.html/Obul-Qasim-ependi-305.jpg/@@images/b797f812-a1cb-43de-8b28-0277e20aeb1a.jpeg)
2013-يىلى 1-يانۋار سەيشەنبە گوللاندىيىدىكى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ يېڭى ئېچىلغان خىزمەت زالىدا ئېچىلىش مۇراسىم پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.
«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ يەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەردىكى ئورۇن مەسىلىسى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئۆسمۈر بالىلارنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىنىڭ سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىش تەقەززاسىغا ئاساسەن، ئىقتىسادنىڭ كەم بولۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارقاق ھالەتتە ئولتۇراقلىشىشى قاتارلىق تۈرلۈك يېتەرسىز ئامىللارغا باش ئەگمەي، بىر يىلدىن بىرى كۆپ ئىزدىنىش نەتىجىسىدە تەييارلىغان بۇ مەركەزدىكى تۇنجى پائالىيىتىنى ئېچىلىش مۇراسىم پائالىيىتى قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.
پائالىيەتكە گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن باشقا، تۈرك ۋە ئەرەب قېرىنداشلارمۇ قاتناشتى. پېشىن نامىزىدىن يېنىپ باشلانغان پائالىيەت، شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 5 يېرىمدە ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئۆز يېرىنىڭ شادلىقىدىن ھۇزۇرلانغان ئۇيغۇرلار تاكى كەچ سائەت 8 غا قەدەر سۆھبەتلىرىنى داۋام قىلدى.
«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» ئومۇمىي ئىشلار مەسئۇلى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى، قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىدىن كېيىن سۆز قىلىپ، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ بۇ مەركەزنى ئېچىشتىكى مەقسەت-مۇددىئالىرى ھەققىدە توختالدى.
ئاندىن، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرى مەسئۇلى ئابدۇراخمان قارىم كىچىك ئۆسمۈرلەرنىڭ تەلىم تەربىيە ئىشلىرىدىكى دەسلەپكى پىلان-لايىھىلىرىنى ئاڭلىتىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بىردەك ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، «گوللاندىيە ئىسلام فېدېراتسىيى»، «گوللاندىيە دىيانەت ئىشلىرى ۋەخپىي»، ۋە «زەيست جامەسى»، «تەۋھىد جامەسى» قاتارلىق گوللاندىيىدىكى ھەرقايسى تەشكىلات ۋە جامەلەرنىڭ ۋەكىللىرى تەبرىك سۆزى قىلىپ ھېسداشلىقىنى بىلدۈردى.
«گوللاندىيە ئىسلام فېدېراتسىيى» رەئىسى مەھمەد يارمىش ئەپەندى بۇ مەركەزنىڭ گۈزەل ۋە ئازادە بىر مۇھىتىنى ماختاپ، ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى بۇ پۇرسەتنىڭ قەدرىنى بىلىشكە چاقىردى.
تۈركىيىدىكى «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ نازىرى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋە باش كاتىپ ئابدۇلئەھەت ھاجىملار، شۋېتسىيىدىكى «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ مەسئۇلى نىجات ئەپەندى ۋە ئۆمەر قارىم قاتارلىقلارمۇ يىراقلاردىن زىيارەتكە كېلىپ، «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ بۇ غەلىبىلىرىنى تەبرىكلىدى ۋە قىممەتلىك تەجرىبە-ساۋاقلىرى بىلەن مەدەت بەردى.
«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» 2006-يىلى تەشكىللەنگەن ۋە 2010-يىلى رەسمىي ئېلان قىلىنغان. ئۇلار گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېھتىياجلىرىنى ئاساس قىلغان خىزمەتلەرنى ئىشلەپ كەلمەكتە.