گوللاندىيىدىكى مەزلۇم مىللەتلەر ھوقۇقلىرىنى قوغداش كۈنىدە ئۇيغۇرلار

2010 - يىلى 13 - سېنتەبىر پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار قاتارىدا روزا ھېيت بايرىمىنى ئەمدىلا ئۇزاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنە بىر قۇتلۇق كۈن بولدى. گوللاندىيىنىڭ دەنخاھ شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان دۇنيادىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى، تاجاۋۇز قىلىنغۇچى مىللەتلەرنىڭ دىنى ئۆرپ - ئادەتلىرى، مىللىي مەدەنىيىتى قاتارلىق خاس ھوقۇقلىرى قوغدىلىش كۈنى پائالىيىتىدە، ئۇيغۇرلارغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ
2010.09.14
Gollandiyide-Uyghur-paaliyetliri-guzel-qiz-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 13 - ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ، ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﻧﺨﺎﻫ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﯘﭼﻰ، ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﯘﭼﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯚﺭﭖ - ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﺎﺱ ﻫﻮﻗﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ.
RFA Photo / Pidaiy

مەزكۇر پائالىيەتتە، ئۇيغۇر پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى مىللىي كىملىكى، مىللىي خاسلىقى ۋە دەپسەندە قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقلىرى ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتكە دەردىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

ئۇلار پائالىيەت جەريانىدا يەنە، گوللاندىيىلىك بىر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ، كۆرگەن - بىلگەنلىرى ئاساسىدا يېزىلغان ئاخبارات خاتىرىسىنى ئاڭلىتىپلا قالماي، مۇڭلۇق تەمبۈرنىڭ دەردلىك كۈيلىرى بىلەن مەيدان ئەھلىنى ھاياجانغا سالدى.
Gollandiyide-Uyghur-paaliyetliri-guzel-qiz-2-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 13 - ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﯘﭼﻰ، ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﯘﭼﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯚﺭﭖ - ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﺎﺱ ﻫﻮﻗﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Pidaiy

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىسى بولغان ئەنئەنىۋى كىيىم كىيگەن بىر ئۇيغۇر قىزى بۇ يەرگە توپلانغان مىللەتلەر قاتارىدا بىر تال گۈلدەك ھەممەيلەننى جەلپ قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.