رۇسىيە ھامىيلىقىدىكى چېچەن پارلامېنتى چېچەن پارتىزانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ قانىتى ئاستىدىكى چېچەن پارلامېنتى، تۈنۈگۈن ئەتىگەن بىر گۇرۇپپا چېچەن پارتىزانلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمنىڭ جەريانى ۋە ھۇجۇمدا ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى ھەققىدە ئوخشىمىغان مەلۇماتلار مەۋجۇت.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.10.20
chechen-terror-urush-305 ﭼﯧﭽﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

ئەمما، ھۇجۇمنىڭ ئۇزۇندىن بېرى رايوندا مۇقىملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى بايان قىلىپ كېلىۋاتقان رۇسىيە ۋە ئۇنىڭ ھىمايىسىدىكى چېچەن جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن ئېغىر بىر زەربە بولغانلىقى خەلقئارالىق خەۋەر ۋە ئانالىزلارنىڭ ئورتاق نۇقتىسى.

تۈنۈگۈن رۇسىيە ھىمايىسى ئاستىدىكى چېچەن پارلامېنتى بىر گۇرۇپپا چېچەن پارتىزانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمدا ئالدى بىلەن بىر نەپەر پارتىزان پارلامېنتقا باستۇرۇپ كىرىپ ئۆزىنى پارتلاتقان، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن 3 نەپەر پارتىزان بىناغا باستۇرۇپ كىرىپ، پارلامېنت ئەزالىرىنى گۆرۈگە ئالماقچى بولغان. بۇ چاغدا پارلامېنت بىناسىدىكى مۇھاپىزەتچىلەر 3 نەپەر پارتىزانغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتكەن.

چېچەن پرېزىدېنتى قادىروفنىڭ ئاخباراتقا بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدا پەقەت 2 نەپەر ساقچى ئۆلگەن، 10 نەچچە كىشى يارىلانغان. 4 نەپەر ھۇجۇمچى پارلامېنت مۇھاپىزەتچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى توقۇنۇش 15 مىنۇت داۋام قىلغان. ئەمما، ۋەقەنىڭ باشقا شاھىدلىرىنىڭ خەلقئارا ئاخباراتلارغا ئاشكارىلىشىچە، ۋەقەدە رۇس تەرەپدارى كۈچلەردىن ئاز دېگەندە 6 كىشى ئۆلگەن ۋە 17 كىشى يارىلانغان، توقۇنۇش 2 سائەت داۋام قىلغان.

ۋەقە سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە سائەت 8 بىلەن 10 ئارىسىدا يۈز بەرگەن. ھازىرغا قەدەر ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغانلار چىقمىغان. قادىروف ۋەقەنىڭ جاۋابكارى سۈپىتىدە مۇھاجىرەتتىكى چېچەن پائالىيەتچىلىرىدىن ئەخمەت زەكايېفنى كۆرسەتكەن. زەكايېف بولسا، ۋەقە بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ جاۋابكارلىقىنى رەت قىلغان.

زەكايېف ئاسلان ماسخادوۋ دەۋرىدىكى باش مىنىستىر بولۇپ، چېچەنىستان قايتا ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، چېچەنىستاندىن ئايرىلىپ، چېچەن داۋاسىنى مۇھاجىرەتتە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پائالىيەتچىلەردىن بىرى. ۋەزىيەتنى كۆزەتكۈچىلەر، ھۇجۇمچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى چېچەن قوراللىق گۇرۇپپىلىرىدىن دوككۇ ئومەروفنىڭ ئادەملىرى ياكى ئومەروفدىن يېقىندا ئايرىلىپ چىققان، يېڭى بىر گۇرۇپپا كۈچلەر ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلماقتا.
 
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، چېچەنىستاننىڭ مۇقىملىقى رۇس مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىپ كەتتى دەپ يېزىلغان. بۇ ھەقتىكى يەنە بىر ئانالىزدا، ئىسيانچىلار چېچەنىستاننىڭ ئىگىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويدى دېيىلگەن. چېچەن پارتىزانلار بىر قانچە ئاينىڭ ئالدىدا موسكۋادىكى بىر پويىز ئىستانسىنى پارتلىتىپ 40 نەچچە رۇسىيىلىكنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. پارتىزانلار يەنە ئۆتكەن ئايدا رامىزان قادىروفنىڭ مەھەللىسىدە ھۇجۇم ئېلىپ بارغان. ھۇجۇمدا 19 كىشى ئۆلگەن.
  
1999 ‏- يىلى ئۆكتەبىردە، چېچەنىستان قايتا ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، رۇسىيە ھۆكۈمىتى چېچەنىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى نامىدا ھاكىمىيەت ئورگىنى تەسىس قىلغان ۋە رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ نازارىتى ۋە رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن سايلام ئېلىپ بارغان.

سايلامدا، نۆۋەتتىكى چېچەن پرېزىدېنتى رامىزون قادىروف ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان. شۇ كۈندىن بېرى رۇسىيە ۋە رۇسىيە تەرەپدارلىرى رامىزان قادىروفنى چېچەن خەلقىنىڭ ۋەكىلى دەپ تونىسا، ئۇزۇندىن بېرى مۇستەقىللىق كۈرىشى ئېلىپ بېرىۋاتقان چېچەن پارتىزانلار ۋە ئۇلارنىڭ تەرەپدارلىرى، چېچەن ھۆكۈمىتىنى قورچاق ھاكىمىيەت، پرېزىدېنتى قادىروفنى بولسا قورچاق پرېزىدېنت دەپ قاراپ كەلمەكتە؛ شۇنداقلا يەنە، مىللىي خائىن دەپ ئەيىبلەب ۋە ئەسكەرىي ھەرىكەتلىرىدە ئۇلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ بېكىتمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.