گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى گۇناھسىز ئۇيغۇر يىگىتلىرى چەكسىز شادلىققا چۆمدى

7 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى رىچاردو ئورىنا، گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنى دەرھال قويۇپ بېرىپ، ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كېلىش كېرەكلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، 8 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى مەزكۈر خەۋەر، ئاخىرقى تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىدىن بىخەۋەر تۇرۇۋاتقان گۇناھسىز ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىغا يەتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

گۇئانتانامودا ئۇيغۇر يىگىتلىرىگە ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتى ئارقىلىق بۇ خۇش - خەۋەرنى يەتكۈزگەن، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى روشەن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىزگە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتلار ئاڭلاتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، روشەن خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.