رابىيە قادىر خانىم ب د ت نى گۇما مۇكۇيلا ۋەقەسىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىردى

28-دېكابىر كۈنى كەچتە، خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىنىڭ مۇكالاي يېزىسىدىكى، ھىجرەت سەپىرىگە ئاتلانغان ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن خىتاينىڭ گۇما ناھىيىلىك ساقچى خادىملىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا ئىككى تەرەپتىن جەمئىي 8 كىشى ئۆلگەن ۋە 4 كىشى يارىلانغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.12.29
rabiye-aliy-kengesh-echilish-305.jpg رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى ئېچىلىش مۇراسىمىدا سوز قىلماقتا. 2011-يىلى 2-ماي، ئامېرىكا.
RFA

بۇنىڭ بىلەن گۇمۇ ناھىيىسىدە كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن باشلانغان. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى رابىيە قادىر خانىم، بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ باياناتىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى مەزكۇر ۋەقەنى تەكشۈرۈش ۋە ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىردى.

بۈگۈن رېيتېر ۋە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى قاتارلىق، بىر قاتار مەشھۇر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇمىدىكى ۋەقەدە جەمئىي سەككىز كىشى ئۆلگەن. بىز بۈگۈن ۋەقە ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، گۇما ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق.

مەسئۇل خادىم ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. دائىرىلەرمۇ ئوخشاشلا ۋەقە ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۈگۈنكى باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ ۋەقە ھەققىدە بەلگىلىك دەرىجىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. قۇرۇلتاينىڭ ئىگىلىشىچە، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە نۆۋەتتە گۇمىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆي ئاختۇرۇش داۋام قىلماقتا.

خوتەندە ئاھالىلەر ۋە يەرلىك ساقچى خادىملىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن قارىغاندا، ۋەقەدە خىتاينىڭ گۇما ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل ئابدۇۋەلى ۋەقەدىكى توقۇنۇشتا ئۆلگەن. گۇمىدا نۆۋەتتە بارلىق ساقچى خادىملىرى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، خوتەن ۋەزىيىتىدىكى جىددىيلىك داۋام قىلماقتا.

رابىيە خانىم بۈگۈنكى باياناتىدا، ئەسلىدە ۋەقەدىكى ئىككى تەرەپنىڭ قورال كۈچى سېلىشتۇرۇلسا، خىتاي ئۈچۈن قارشى تەرەپنى تىرىك قولغا چۈشۈرۈش ۋە سوت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ ئۆز قانۇنى بويىچە ئېيتقاندىمۇ، ۋەقەدە ھەددىدىن زىيادە كۈچ قوللانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ۋەقەدە ھەددىدىن زىيادە كۈچ قوللىنىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ رايوندىكى ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.