گۇما مۇكۇيلا ۋەقەسى ھەققىدە خەلقئارا مەتبۇئات ۋە ئورگانلارنىڭ ئىنكاسلىرى
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.01.06
2012.01.06

maps.google.com
ۋەقەدە ئاياللارنىڭ ۋە بالىلارنىڭمۇ بارلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرگەنلىرىگە قارىتا گۇمان پەيدا قىلغان ئىدى. تۆۋەندە بىز خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ۋەقە ھەققىدە ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بۇنى مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 28 - دېكابىر كۈنى كەچتە خوتەن گۇما ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى 7 ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلىغاندىن كېيىن، ۋەقە ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئېتىپ تاشلانغان بۇ كىشىلەرنىڭ چەتئەلگە قېچىپ، ئۇرۇشقا قاتناشماقچى بولغان «جىھادچىلار» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما رادىئومىز يەرلىك ئورۇن ۋە شەخىسلەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار نەتىجىسىدە ۋەقەگە ئائىت ئىنچىكە دېتاللار ئوتتۇرىغا چىققان. يەنى، ۋەقەدە ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئاياللارنىڭ بارلىقى، ۋەقەدىن كېيىن يېشى 7 - ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، ۋەقەدە بالىلارنىڭمۇ يارىلانغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.
ۋەقە خەلقئاراغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالدى. خىتاي دائىرىلىرى ھەرقايسى ئاخبارات ئورگانلىرىنى ئىشقا سېلىپ بۇلارنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن،ھەتتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېيمۇ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا بۇ كىشىلەرنىڭ «جىھادچىلار» لىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا مەتبۇئاتلار بىردەك، ۋەقەگە ئوبىكتىپ باھا بېرىشكە تىرىشتى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، رويتېرس، فرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى ھەممىسى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە تېررورچى دېگەن سۆزنى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىپ تۇرۇپ ئىشلىتىپ، بۇلارنىڭ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورچىلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى. خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەقە ھەققىدە بەرگەن ئۇچۇرلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ خەۋەر يازغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، مىللىي ئۈرپ - ئادەتلىرىنى يوقىتىش، تىلىنى يوقىتىش سىياسىتى قوللىنىپ كەلگەنلىكى، شۇڭا رايوندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە نارازى بولغان خەلقنىڭ بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى. رويتېرسنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، مۇكۇيلا ۋەقەسىدىن ئىلگىرى خوتەن ناۋاغ ساقچىخانىسى ۋەقەسى، قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەسى ۋە شۇنداقلا 2009 - يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.
يۇقىرىدىكى ھەرقايسى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ سىرتىدا، مۇكۇيلا ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەر يەنە، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى، ئامېرىكا ئاۋازى، س ن ن خەۋەرلىرى، ئەنگىلىيە تەرەپسىز گېزىتى، ئىسلام تورى ۋە شۇنداقلا ۋال سترىت ژۇرنىلىغا ئوخشاش مۇھىم خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدە يەر ئالدى. بۇنىڭدىن سىرت، خەۋەر يەنە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئاۋسترالىيە، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردە خەۋەر قىلىندى. يۇقىرىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى باياناتى ۋە بىلەن رادىئومىزنىڭ ۋەقە ھەققىدە يەرلىكلەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرى ئالاھىدە مىسال قىلىپ كۆرسىتىلىپ، ۋەقەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرگەندىكىدەك قانداقتۇ تېررور ۋەقەسى ياكى بۇ كىشىلەرمۇ قانداقتۇ «جىھادچىلار» ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ دىنىي بېسىم سىياسىتىدىن قېچىپ باشقا يەرگە كەتمەكچى بولغان، ئارىلىرىدا بالىلار ۋە ئاياللارمۇ بولغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ سۆزىگە ئاساسەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا ھېچقانداق قورال بولمىغان بۇ كىشىلەرگە قورال ئىشلەتكەنلىكىنى، بالىلار ۋە ئاياللارنىمۇ ئوققا تۇتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بۇ ھەقتە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ژۇرنال بولغان «ۋال سىترىت ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ھەرخىل ماركا چاپلاش ھەرىكىتىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن :
1949 - يىلىدىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە توختىماي كۆچمەن يۆتكىشى نەتىجىسدە، ئۇيغۇرلار ئۆز زېمىندا ئاز سانلىقلار قاتارىغا چۈشۈپ قېلىپ، ھەممە يەردە كەمسىتىلىشكە ئۇچراشقا باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ تىنچ يوسۇندىكى دىنىي پائالىيەتلىرى ئۈستىدىن رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇش ئېلىپ باردى. بۇ خىل ئەھۋال تەبىئىي ھالدا رايوندا ئېتنىك سۈركىلىشلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولدى.
مۇلاھىزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كۆتۈرۈلگەن بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى «تېررور» نامى ئاستىدا تەشۋىق قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پاكىستان ۋە ئافغانىستاندا تەربىيىلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغاندىن كېيىن بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
- توغرا، ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قانچە يەر ئاستى پارتىزان تەشكىلاتلارنى قۇرغانلىقى بىر ھەقىقەت. ئەمما بۇ گۇرۇپپىلار خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى سۈرگەندەك «رادىكال ئىسلامچىلىق» ئىدىيىسىنى ئۆزىگە چىقىش نوقتىسى قىلمىغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ تەشكىلاتلارنىمۇ باستۇردى. شۇڭا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى قاتارلىق بۇ خىل پارتىزان تەشكىلاتلارنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇتلىقىمۇ تېخى ئېنىق ئەمەس. دېكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ «تېررور» سۆزىگە بەرگەن ئېنىقلىمىسى دېموكراتىيىلىك ئەللەردىن پەرقلىق. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى، ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەممىسىنى تېررور تايىقىدا ھەيدىمەكتە.
مۇلاھىزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئىسلامىي تېررورغا باغلاپ كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ :«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان كەمسىتىش سىياسىتىنى يوشۇرۇپ قالسا، بىر تەرەپتىن خەلقئارادىكى تېررورچىلىققا قارشى ئورتاق كۈرەشتىن پايدىلىنىشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۈگۈن يەنە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ ۋەقە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ۋەقەدە قولغا ئېلىنغان بالىلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دېرىكتورى سام زارىفى باياناتىدا، خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ «بۇ كىشىلەر قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئېتىپ تاشلاندى» دېگىنى ۋەقەدە ئۆلۈم - يېتىم، يارىلىنىشنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولالمايدۇ، بۇ كىشىلەر قارشىلىق كۆرسەتكەن تەقدىردىمۇ، ۋەقەدە بۇنداق جىق كىشىنىڭ ئۆلۈشى ئەينى ۋاقىتتا ساقچىلار خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا ھەددىدىن زىيادە كۈچ قوللاندىمۇ قانداق دەيدىغان گۇماننى پەيدا قىلىدۇ. بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشى كېرەك، دېدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇنداقلا ۋەقەدە قولغا ئېلىنغان بالىلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە دەرھال مەلۇمات بېرىشىنى، كېرەك بولسا ئۇلارنى داۋالىتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئالدى بىلەن ساقچىلارنىڭ ئاياللارغا قوپاللىق قىلىشى سەۋەب بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.