ھامىلە ئالتە ئايلىق بولغاندا ...

دەل مۇشۇ مىنۇتلاردا، غۇلجا سۇ دەرۋازا دوختۇرخانىسىنىڭ مۇزدەك كارىۋىتىدا، ئارزۇگۈل ئالتە ئايدىن ئاشقان ھامىلىسىنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاخىرقى ھۆكۈمىنى ئەنسىزلىك ئىچىدە كۈتۈپ ياتماقتا .

0:00 / 0:00

ياش ئاتا‏ - ئانىنىڭ ھەمدە ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئارزىگۈلنىڭ قارنىدىكى دۇنيادىن بىخەۋەر تېپچەكلەۋاتقان ئالتە ئايلىق بالىسىنى چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىسى ئۈچ كۈن كېچىكتۈرۈلدى.

مەزكۈر ۋەقە رادىئومىز ئارقىلىق ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلاردا شۇنىڭدەك ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

ئىنسانپەرۋەرلىككە ئۇيغۇن بولمىغان بۇ خىل رەھىمسىز تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى قانۇنلاشتۇرۇلغان قاتىللىقمۇ دېگەندەك سوئاللارنى پەيدا قىلماقتا.

خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئۈچ مىليون بوۋاق ئاز تۇغۇلغانلىقىنى. پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدىكى نەتىجە سۈپىتىدە ئېلان قىلىپ كەلدى. يەنە بىر جەھەتتىن ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ يەنىلا پىلاندىكىدەك كونترول قىلىنمايۋاتقانلىقىنى. تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ يەنىلا يۇقىرى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش ھەققىدە مەخسۇس سىياسەتلەر بەلگىلەپ كەلدى.

بۇ جەرياندا ھەتتا ھامىلدارلىقنىڭ ئوتتۇرا ھەم كېيىنكى مەزگىللىرىدىمۇ ئانىلارنىڭ رەھىمسىزلەرچە بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسىگە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بالىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپ دەپ قارىلىپ پىلاندىن سىرت بولغان ھامىلە قاتارىدا ئۆلتۈرۈپ چۈشۈرۈلمەكچى بولغان بۇ ھامىلىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى دۈشەنبە كۈنى مەلۇم بولىدۇ.

خىتاي كومپارتىيىسى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىغا 30 يىلدىن ئاشتى. بۇ 30 يىللاردىن بۇيان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ. قانچىلىغان ئانىلارنىڭ، يەنە قانچىلىغان بالىلارنىڭ دەسلەپكى تۆرەلمە،ھامىلە ھەتتا دۇنياغا كۆز ئېچىشقا ئاز قالغان ئاخىرقى باسقۇچلىرىدا تۇغۇت چەكلەش ۋاستىلىرى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى نامەلۇم.